يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى!!

[مۇسىبەت خەۋىرى] «قۇتادغۇبىلىك» شۇناس، پېداگوگ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بۈگۈن (6- ئاينىڭ10- كۈنى) ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوختۇرخانىدا داۋالىنىش داۋامىدا كېسىلى شىپا تاپالماي ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا سەپەر قىلغان.مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي..

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق 1958-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1997-يىلغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن ئۆز ئالدىغا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.

«قۇتادغۇبىلىك»شۇناس، پېداگوگ يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە پېداگوگىكىغا ئائىت تېمىلاردا يازغان نۇرغۇن ماقالىلىرى، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت» ناملىق كىتابلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇشلۇق، ئىرادىلىك ۋە جاسارەتلىك ئاپتور بۇ يىل يەنە پەلسەپىۋى ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى رومانلاشتۇرۇپ ئىشلەپ جەمئىيەتكە سۇندى. «بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن» دېگەن تېمىدىكى بىر يۈرۈش كىتابلىرىدىن «ھايات بوسۇغىسىدا»، «قۇتادغۇبىلىك دەرسخانىسى» دېگەن قىسىملىرىنى نەشر قىلدۇرغان. «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» ناملىق بۇ كىتابى ئۇنىڭ 21-ئەسىردىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن سوۋغا قىلغان خالىس تۆھپىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور كىتابتا خەلقىمىز كۈتۈۋاتقان ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرگە ماھىرلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، كىتابنى يېتەكلەش خاراكتېرى يۇقىرى ئاممىباب مەسلىھەتچىگە ئايلاندۇرغان.
بىلىشىمىزچە، ئاكىمىزنىڭ قولىدا تېخى تاماملانمىغان ئىلمىي ئەمگەكلەر بولۇپ، بۇ ئەمگەكلەر «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «دىۋانى لۇغاتىت تۈرك» نىڭ شەرھىيسىگە ئائىت قىممەتلىك ئەمگەكلەر ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن. قالۇئىننەللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئون!

 

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, خەۋەرلەر | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

(Kur'an-I Kerim ve Türkçe Anlamı) (Kur’an-I Kerim ve Türkçe Anlamı)
تەڭرىتاغ بۈركۈتى تەڭرىتاغ بۈركۈتى
ئاتامان ئاتامان
«خەزائىنۇل-مەئانى»(«چاھار دىۋان» ) «خەزائىنۇل-مەئانى»(«چاھار دىۋان» )
تىمساھنىڭ كۆز يېشى تىمساھنىڭ كۆز يېشى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • پەرھات
    • 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:26:00

    مەن بۇ كىشنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتىم. بۇگۇن كىتاب تورىغا ئىختىيارسىز كىرىپ بۇ مۇسبەت خەۋرىنى ھەپتە كېيىن ئۇقتۇم. نېمە دەيمىز؟ بۇ كىشى خۇددى ئەلشىر ناۋائى ئيېتقاندەك: ئەگەر سەن ئۆزەڭنى ئادەم ھېسابلىساڭ خەلق غېمنى يېمگەن ئادەمنى ئادەم ھېسابلىما .دېگەن مەشھۇر سۆزدەك دەل خەلق غېمنى يېگەن،ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشلىرى سەۋەبدىن ،تۇرمۇش بېسىمدىن قورقۇپ قالماي ئاتا بۇۋىلارنىڭ تەۋەرۇك ئەسەرلىرنىڭ قىممىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىلغار زىيالىمىز ئىدى.

    ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بۇ ئاكىمىزغا ماتەم تۇتمىز.قايغۇرىمىز، ئاللا ئۇنى جەننىتى قىلسۇن. قىلغان خالىس ۋە ساۋابلىق ئىلىمىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ئۇ دۇنيادا تۈگىمەس ساۋاب ئاتا قىلسۇن. ئۇنىڭ ھاياتى قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ھايات. ئۇنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز. مەن «تۇغلۇق ئىزى ئۆچمىسۇن!»ماۋزۇسىدا بىر نېمە يېزشنى ئويلشۋاتىمەن،،قەلەم قۇۋتىم ئاجىز بولسمۇ يازالايدىغانلىقىمغا ئىشنمەن.

    كىيۇ كىيۇ ئالاقە:2497994580 پىكىر ۋە مەسىلھەت بەرگەيسلەر.

    • سالام
    • 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنى 01:56:35

    قالۇ ئىننە لىللەھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجقئۇن.

    يانقان يىرى جەننەتتە بولغاي . ئامىن.

    مەن ئۇ كىشىنىڭ ‹‹ ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيسى ›› دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان بەك ياخشى يېزىپتىكەن….

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.