مېنى ”لەيلەك “ دېيىشىدۇ(ئورخان پامۇك)

مېنى ”لەيلەك “ دېيىشىدۇ

ئورخان پامۇك

ناماز شامدىن ئۆتكەن مەزگىل ئىدى .مەن قەھۋەخانىغا بارماقچى بولۇپ تۇراتتىن ،دەرۋازىدا بىرەيلەن ساقلاپ تۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى .خەيرلىك ئىشتۇر ،دەپ ئالدىم.ئوردىدىن كەلگەن بىرەيلەن ئىكەن ،مەقسەتنى ئۇقتۇردى.“خوپ ،دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۆركەم ئات ، سىز ماڭا ھەر بىرىگە قانچە پۇل بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ .مەن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆركەم ئاتلاردىن سىزگە بەش – ئالتىنى سىزىپ بېرەي“ دېگىم كەلدى.

ئەلۋەتتە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلدىم ۋە بۇنداق دېمىدىم . دەرۋازىدا تۇرغان بالىنى ئىچكىرىگە باشلىدىم-دە ، مۇنداق ئويلىدىم :مەن ئۇنى سىزاي دېسەم دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۆركەم ئات يوق –دە. جەڭ ئەتلىرىنى ،نەسىللىك ئەرەب ئاتلىرىنى ،قانلار ئىچىدە تولغانغان باتۇر ئاتلارنى ، ھەتتا ھارۋىدا قۇرۇلۇشلارغا تاش توشۇيدىغان بىچارە ئاتلارنىمۇ سىزالايمەن .لېكىن كىم بۇلارنى ئەڭ كۆركەم ئات دېسۇن ؟دەرۋەقە ،سۇلتانىمىزنىڭ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۆركەم ئاتنى سىزىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى پارس دىيارىدا مىڭ قېتىملاپ رەسىمى سىزىلغان ئاتلار ئىچىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ۋە شەكىل ،قىياپەت جەھەتتىن بارلىق فورمۇلىلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاجايىپ ئات ئىدى .بۇ نېمە ئۈچۈندۇر.

روشەنكى ،نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ بىر قاپچۇق تىللا تېپىشىمنى خالىمايدۇ .كىملا بولمىسۇن ،ئادەتتىكى بىر ئاتنى سىزىپ قويسا،ھېچكىمنىڭ سىزغىنى مېنىڭ سىزغان ئاتلىرىمغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ .سۇلتانىمىزنى كىم ئالدى؟ماڭا ھەسەت قىلىدىغان رەسساملارنىڭ غەيۋەت – شىكايەتلىرى ئۈزۈلمىسىمۇ ،سۇلتانىمىز مېنىڭ ئەڭ ماھارەتلىك رەسسام ئىكەنلىكىمنى ياخشى بىلىدۇ ۋە سىزغان رەسىملىرىمنى ياقتۇرىدۇ.

بىردىنلا قولۇم غەزەپ بىلەن ھەرىكەتكە كەلدى –دە ،پۇتىنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ پۈتۈن دىققتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەقىقى بىر ئاتنى سىزۋەتتىم .بۇلارنى كوچىلاردا ،جەڭلەردە كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن .بۇ ھارغىن ،لېكىن شۇنداق سالاپەتلىك بىر ئات…كېيىن يەنە شۇنداق غەزەب بىلەن بىر ئاتلىق ئەسكەرنىڭ ئېتىنىمۇ سىزۋەتتىم ،ناھايىتى كۆركەم چىقتى .رەسىمخانىنىڭ ھېچقايسىسى رەسسامى بۇنداق كۆركەم نەرسىلەرنى سىزالمايدۇ .يادقا يەنە بىرنى سىزماقچى بولۇۋدىم ،لېكىن ئوردىدىن كەلگەن يىگىت“بىرسى كۇپايە“ دېدى.

ئۇ قەغەز ئېلىپ كەتمەكچى بولغانىدى ،ئۇنى ئېلىۋالدىم،چۈنكى بۇ پەسكەشلەرنىڭ بۇ ئاتلارغا بىر قاپچۇق تىللا بەرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئىسمىمنى بىلگەندەك بىلىمەن.

ئۆزۈمنىڭ ئويى بۇيىچە سىزسام ، ماڭا بىر قاپچۇق تىللانى بەرگۈزمەيدۇ .بۇ بىر قاپچۇق تىللانى ئالالمىسام ،بۇنىڭدىن كېيىن نامىمغا داغ چۈشكەن بولىدۇ.ئويلاندىم ،“توختاپتۇر“دېدىم ئوردىدىن كەلگەن يىگىتكە .ئۆيىگە كىرىپ يالتىراپ تۇرىدىغان ئىككى دانە ۋېنۋتسىيە تىللاسىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم.قورققىنىدىن ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.“يولۋاستەك يىگىت ئىكەنسەن“ دېدىم.

كىشىلەردىن يوشۇرىدىغان ئۈلگە دەپتەرلىرىمدىن بىرىنى ئېلىپ چىقتىم .بۇنىڭغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق رەسىملەردىن مەخپى نۇسخا ئېلىۋالغان ئىدىم.ئۇنىڭدىن باشقا خەزىنىنىڭ پاكىنەك باشلىقى جەزمىگە ئون تىللا بەرسە ، بۇ پەسكەش ئادەم خەزىنىدە قۇلۇپلانغان ، مەخپى ساقلىنىدىغان كىتابلارنىڭ سەھىپىلىرىدىن .ئەڭ ياخشى دەرەخلەر ،ئەجدىھالار،قۇشلار ،ئوۋىچىلار ،جەڭچىلەردىن نۇسخا ئېلىپ .رەسىملەردە ۋە نەقىشلەردە ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى كۆرۈشنى ئەمەس ،پېشقەم ئۇستازلارنى ۋە قەدىمكى چۆچەكلەرنى ئەسلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈن بۇ دەپتىرىم ئەتىۋارلىق نەرسە ئىدى.

ئوردىدىن كەلگەن يىگىتكە سەھىپىلەرنى ۋاراقلاپ كۆرسىتىپ ،ئاتلاردىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىدىم .سىزىقلارنىڭ ئۈستىنى قولۇمدىكى يىڭنە بىلەن تېشىپ ئىزناسىنى چۈشۈرۋالدىم .كىتابنىڭ ئاستىغا پاكىز بىر قەغەز قويۇپ ،ئۈستىگە كۆمۈ كۈلىدىن يېتەرلىك قۇيدۇم ۋە تېگىگە تاخشىراق ئۆتسۇن دەپ بىر ئاز سىلكۈشتۈردۈم .ئۈلگىنى شۇنداقلا كۆتۈرۈۋىدىم ،كۆمۈر كۈلى تېگىدىن قەغەرگە كۆركەم ئاتنىڭ پۈتۈن شەكلى تۇتاش چېكىت بولۇپ چۈشتى .بۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتىم .

قەلىمىمنى قولۇمغا ئالدىم – دە ،شۇ چاغدا كۆڭلۈمگە كەلگەن بىر ئىلھام بىلەن ناھايىتى تېز ۋە كەسكىن ھەرىكەتلەر ئارقىلىق چېكىتلەرنى چىرايلىق ۋە نەپىس شەكىلدە ئۆز ئارا تۇتاشتۇردۇم.بۇ ئاتنىڭ قارنىنى ،كۆركەم بۇينىنى ، بۇرنىنى ،ساغرىسىنى سىزغاندا خۇشاللىق بىلەن ئىچىمدە ”مانا بۇ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۆركەم ئات .بۇنى باشقا كالۋالارنىڭ ھېچقايسىسى سىزالمايدۇ“ دېدىم.

ئوردىدىن كەلگەن يېگىتنى بۇلارغا ئىشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ قايتىپ بېرىپ رەسىمنى قايسى ئىلھام بىلەن سىزغانلىقىمنى سۇلتانىمىزغا ھەرگىز ئېيتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭغا يەنە ئۈچ دانە ساختا تىللا بەردىم ۋە بىر قاپچۇق تىللانى ئالالىسام ەنە بېرىدىغانلىقىمدىن بىشارەت بەردىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئۇ بايا خوتۇنۇمغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ ئاغزى ئېچىلىپ قالغان ئىدى .ئېھتىمال ئۇ خوتۇنۇمنى قايتىدىن كۆرۈشنىمۇ ئويلايدىغاندۇ ؟نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى بىر ئات رەسىمىنى سىزىپ چىقالىسا ياخشى رەسسام بولغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ .لېكىن ئەڭ ياخشى رەسسام بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئات رەسىمىنى سىزىشلا كۇپايە قىلمايدۇ .سۇلتانىمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭمۇ ئەڭ ياخشى رەسسام ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەندۈرۈشكىمۇ توغرا كېلىدۇ.

مەن ئاشۇ كارامەت ئاتنىڭ رەسىمىنى سىزىراتقىنىمدا ،ئۆزۈمنىمۇ شۇنداق كارامەت ھېس قىلماقتا ئىدىم.

مەزكۇر پارچە تۈركىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئوخان پامۇكنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كاتتا ئەسىرى «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»ناملىق كىتابنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2010-يىل4-ئايدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسدىن پارچە ئېلىندى.

باشقا مۇنبەر ياكى توربەتلەردە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ:كىتاپ يۇرتى

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل ئىنگىلىزچە چۈشۈرۈش: بۇ يەردىن چۈشۈرۈشۈڭ 

ئەسكەرتىش :باشقا تور بەتلەردە تارقاتماڭ،تارقىتىدىغانلار ئىنكاس يېزىڭ .

 

تۈرى :ئۇنۋېرسال, ئۇيغۇرچە كىتابلار, تەرمىلەر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.