تۆتىنچى ئېراغا سەپەر
تۆتىنچى ئېراغا سەپەر
ئاپتورى:ئابدۇكېرىم قادىر
باھاسى:32.00
2009-يىل 3-ئاي 1- نەشرى
2009-يىل 3-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:0001-4000
isbn:9787105098385
نەشرىياتتىن
بۇ كىتاب 14- ، 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى » ، شۇنداقلا «تۆھپە » مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ، ياش يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىر 1969-يىلى يەكەندە تۇغۇلغان . 1989-يىلى قەشقەر مالىيە – سودا مەكتىپىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى تولۇق كۇرسىنى تامالىغان . ھازىر يەكەن ناھىيىلىك يېزا – ئامانەت – قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ .
2005-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ «تارىم» ، «تەڭرىتاغ» ،«قەشقەر» ، «يېڭى قاش تېشى» قاتارلىق ئەدەبىي ژۇرناللاردا «ئۆتكۈن كېچىسى» ،«قىزىل قۇيۇن» ، «تەشنارەڭ كۆڭۈل» ، «خوتۇن تەڭلىكى» … قاتارلىق 7 پارچە پوۋېست ، 30 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ئېلان قىلىندى . شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «دۇلقۇنلۇق تارىم» . «كونا كوچا» ناملىق ھېكايىسى بىلەن 14-نۆۋەتلىك ؛ «ئەقىدە» ناملىق پوۋېستى بىلەن 15- نۆۋەتلىك ؛ «خانتەڭرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن . 2007-يىلى 5-ئايدا پروزا ئىجادىيىتى ، جۈملىدىكى ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە «تارىم» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «تۆھپە» مۇكاپاتى بېرىلدى . «تارىم» ، «تەڭرىتاغ» ،«قەشقەر» ، «يېڭى قاش تېشى» قاتارلىق ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئارقا – ئارقىدىن «تىرىلىش ، ئۆزىنى تونۇش ، يۈرەكتىكى سۆز..» .قاتارلىقلار ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى . «تەشارەڭ كۆڭۈل» ، «زەينەپ» ، «چۇۋۇق چىتلاق» ، قاتارلىق ئۈچ پارچە ھېكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى . قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» ناملىق ئەسەر ئاپتورنىڭ تۇنجى رومانى.
ئابدۇكېرىم قادىر يۇقىرىقىدەك ئىجادىي نەتىجىلىرى بىلەن قانائەتلىنىپلا قالماي ، يىرك ئەسەر ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە . ئاپتورنىڭ مەزكۇر رومانى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى ، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىچە تەرەپلىرىنى يارقىن ، جانلىق سۈرەتلەلىگەنلىكى ، پېرسوناژلار ئوبرازىدىكى غايە ، ئىشەنچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقى بىلەن ئۇيغۇر پروزا ئىجادىيىتى ، جۈملىدىن رومانچىلىقىمىزغا يېڭى جۇلا بەرگۈسى!
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق