مېنىڭ سەنئەت ھاياتىم
ئاپتورى: مەريەم ناسىر
باھاسى:20.00
2009-يىلى 12-ئاي1- نەشرى
2009-يىلى12-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-2000
ISBN:9787105100453
مۇھەررىردىن
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىسى مەريەم ناسىر يازغان «مېنىڭ سەنئەت ھاياتىم» ناملىق بۇ ئەسلىمە مەريەم ناسىرنىڭ بالىلىق ، ياشلىق دەۋرى ۋە ئۇسۇل كەسپى جەھەتتە پىشىپ يېتىلىش جەريانى ، بېسىپ ئۆتكەن جاپالىق ئەگرى – توقاي يوللىرى ناھايىتى تەبىئىي ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغان . مەن بۇ كىتابنى قايتا – قايتا ئوقۇش ۋە تەھرىرلەش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى ، ئۇسۇل كەسپىنى ئىگىلەش ، ماھارەت يېتىلدۈرۈش ، خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغۇدەك داڭلىق ئۇسسۇلچى بولۇش تولىمۇ جاپالىق ، مۇرەككەپ جەريان بولۇپ ، ئۇسۇل كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولمىسا كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدىكەن . مەريەم ناسىرنىڭ كەچمىشلىرى بۇ نۇقتىنى ناھايىتى جانلىق ، ئوبرازلىق ، كۆرسىتىپ بەردى.
كىتابقا مەريەم ناسىرنىڭ سەھنىدىن ئايرىلىش جەريانى ۋە پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىمۇ ناھايىتى تەبىئىي ، چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن .
بۇ ئەسلىمىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك 50-يىللاردىن ھازىرغا قەدەر بولغان ئەللىك يىل مابەينىدىكى يۇرتىمىزنىڭ سەنئەت تەرەققىياتى ۋە تۆھپىكار سەنئەتكارلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن . يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر تونۇلۇۋاتقان ياش سەنئەتكارلارغىمۇ ئىلھام ۋە ئۈمىد تىلىگەن .
ئىشىنىمەنكى ، بۇ ئەسلىمە يۇرتىمىزنىڭ سەنئەت تارىخىنى چۈشىنىشتە ، يۇرتىمىز سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان سەنئەت پېشۋالىرىمىزنى ئەسلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىيال بولالايدۇ.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق