كەچمىش
كەچمىش
ئاپتورى:خالىدە ئىسرائىل
باھاسى:46.00
2010-يىل 4-ئاي 1-نەشرى
2011-يىل 7-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:5000
isbn:9787537319928
بەت سانى 418
نەشرىياتتىن
يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل 1952-يىلى 10-ئايدا قەشقەر شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن يىللىرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ،1958-يىلى ئاقسۇغا كۆچۈپ بارغان .1959-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان .1963-يىلى ئائىلىسى خوتەنگگ يۆتكىلىپ ، خوتەندە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگگن . 1969-يىلى قاراقاشقا قايتا تەربىيلىنىش ئۈچۈن بېرىپ .بۇ يېزىدا 2 يىل تۇرغان . 1972-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان 1975-يىلى مەكتەپنى پۈتقۈزۈپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ 2007-يىلى 11-ئايغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىرلىك بىلەن شۇغۇللانغان ھازىر پېنسىيىدە.
خالىدە ئىسرائىل 1987-يىلى «ئېھ ھايات» ، «ئەڭ گۈزەل خاتېرە» قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىيات ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن ئۇ ھازىرغىچە كۆپلىگە ھېكايە پوۋېستلارنى ئېلان قىلدى ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئېچىدە «قۇملۇقنىڭ چۈشى » «رەڭدار قويۇن» ، «ئۇ كۆزلەر» ، «باھاردا ياققان قار» ،«ھاڭگىت كۆلى» قاتارلىق ھېكايە پوۋېستلىرى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن . كېيىنكى يىللاردا ئۇ يەنە «ئارمان» ، «ئوربېتا» ، «مەختۇمسۇلا» تىمتاس شەھەر قاتارلىق پوۋېستلارنى ، «تاش شەھەر» ، «شەھەردە كالا يوق» قاتارلىق قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازغان .2000-يىلىدىن كېيىن نەزىرىنى يېڭى ئىجتىمائىي تېمىلارغا قارىتىپ «مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر» «باھار تېۋىشى» ، «قەلبىمدىكى ھېكايە» قاتارلىق پوۋېستلارنى ،«ئانا دەريانى ئىزدەپ» ناملىق ئەدەبىي زىيارەت خاتىرىسىنى ، «ئۇپۇقتىكى ئىزلار» ناملىق ئەسلىمىنى ئېلان قىلغان .
‘ خالىدە ئىسرائىلنىڭ «نان» ناملىق نەسىرى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ، «شەھەردە كالا يوق» ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان .«ئارمان »ناملىق پوۋېستى بىلەن بىر ھېكايىسى ئۆبېكىستاندا چىقىدىغان «جاھان ئەينىكى » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان .
ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق