قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا

قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا

ئاپتورى:ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

باھاسى:30.00

2002-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى

2002-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN:7228067371

                                                                                                     ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى

    مەشھۇر ئالىم ، تالانتلىق ئەدىب ، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچى ، قەشقەرلەردە ئوقۇغان . 1950-يىلى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئو – خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان . 1952-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان . 1953-يىلى شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە  ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل چامىسىدا بىلىم ئاشۇرغان . ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماركسىزم كافېدراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن . 1955-يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان . ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان .

    1950-يىلىلارنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگو مىقياسىدا كۆتۈرۈلگەن ئەسەبىي سىياسىي قۇيۇن بۇ ياش ئالىمنىڭ بېشىغا تۈگىمەس كۈلپەتلەرنى ۋە ئۇنتۇلماس خورلۇقلارنى سالغان تارىخ ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ ئېغىر تىنىۋاتقان ،ئىجتىمائىي ئەنسىزلىك ، سىياسىي سولچىللىق ۋابادەك يامراپ كېتىۋاتقان ، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان سىياسىي ھەرىكەتلەر شەخسنىڭ قىممىتىنى ئەرزىمەس نەرسىگە ، كىشىلەر تەقدىرىنى ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەقىقىي قەلەمكەشكە خاس ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆگەنگەن ۋە ئىجاد قىلغان . 1978-يىلى باشلانغان ئىدىيە ئازادلىق دولقۇنىغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە ئىزدىنىش ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم نەچچە ئون خاتىرە دەپتەرگە تارىخ ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ، شېئىرىيەت  ، دارما ۋە نەسر ئىجادىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان .چېتىلىش

    ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن ، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىن توپ – توغرا 20 يىل ئايرىۋېتىلگەن بۇ ئالىم 45 ياشقا تولغاندا ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قايتا چىقىپ دەرس ئۆتۈش ، ئىلمىي تەتقىقات ، بەدىئىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغان .

    1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ «ئېستېتىكا» دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ كىتاب ماقالە ، رۇبائىي ۋە شېئىر – غەزەللىرى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ زىيالىيلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قىزغىنلىقى» نى قوزغىغان . 1983-يىل ئۇ ئايالى رەنا مەخسۇت بىلەن بىرگە ئاتار – ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا چىقىپ 8 ئاي ساياھەتتە بولغان . 1986-يىل ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇپ «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى- <قۇتادغۇ بىلىك>» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن .

    1988-1991-يىللار ئارىلىقىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دۇنيا قارىشىغا ، قىممەت قارىشىغا ، خىزمىتىگە، تۇرمۇشىغا، كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش ئىلىپ كەلگەن بىر قاتار چوڭ – كىچىك ئىشلار يۈز بەردى. ئۇ بۇ جەرياندا گاڭگىرىدى، تېڭىرقىدى، ئويلاندى، ئىزدەندى، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بىر قۇرغاقچىلىقنى ھېس قىلدى، كرىزىس تۇيغۇسى ئۇنى چىرمىۋالدى. 1993-يىلى 60 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇساپىلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىنى سەمىمىي رەۋىشتە خۇلاسىلەپ يازغان «.ئۆمۈر تەلقىنلىرى» ناملىق ئېسىل ماقالىسىدە كۆرسەتكىنىدەك، »«بىر چاغلاردا تۇتىيا بىلىپ قاتتىق چاڭگاللىۋالغان نەرسىلىرىنى پىرقىرىتىپ تاشلاشقا، پىداكارلىق قىلغان ئەقىدىلىرىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشكە» باشلىدى.

     ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ۋە ئەجدادلىرىنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن بۇيانقى بارلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ، جۈملىدىن تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى تارىخىدا تۇتقان نەمۇنىلىك، يادرولۇق ئورنىنى ھەم يېتەكچىلىك رولىنى ،شۇنىڭدەك ئۇنىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىۋىي ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىشىنى ئۆز تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى قىلدى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىمۇ تولىمۇ كەڭ ، مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ ، دىن ، پەلسەپە ، تارىخ ، ئەدەبىيات، مۇقام ، سەنئەت ، ئېستېتىكا ، فولكلور ، مائارىپ ، تېبابەت ، تىل ، ئارخېئولوگ قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . بۇنداق قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك زور ئەمگەك ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ تىنىم تاپماي ئۆگىنىش ، ئىزدىنىش ، پىكىر قىلىش ، سېلىشتۇرۇش ، تەتقىق قىلىش ، يېزىش ھالىتىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى . ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ شۇنداق ياشىدى ھەم شۇنداق ئۆزگىچە خىسلىتىنى شەكىللەندۈردى . ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشتىكى كۈچلۈك خاراكتېرى ، ھاردىم – تالدىم دېمەي ئىزدىنىش روھى ، مۇستەقىل مۇلاھىزىگە ، يېڭىچە يەكۈنگە ئىگە تەتقىقاتلىرى ، ھېكىمەتكە ، ھېسسىياتقا باي بەدىئىي ئىجادىيەتلىرى ئۇنى ئۆز مىللىي تۈركۈمى ئىچىدىكى زامانداشلىرىنىڭكىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كۆپ ئارتۇق بولغان زور بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ۋە «ئىزچى» ئالىم بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلدى .

    بۈگۈنگىچە ئالىمنىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى» ، «غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى سىستېمىسى» ، «<قۇتادغۇ بىلىك > خەزىنىسى» ،«قاتلاملىق ئېستېتىكا» ، «ئومۇمىي ئېستېتىكا» ، «ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە» ، «شىنجاڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» ، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» ، « ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى» ،«رۇبائىيات-1»، «رۇبائىيات-2» ، «چوغلۇق» ، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» ، «قارلىق تاغ شەجەرىسى» ، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا » قاتارلىق 18 پارچە كىتابى نەشر قىلىندى . يەنە 3 توملۇق ماقالىلەر توپلىمى ۋە ئۈچ توملۇق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ .

                                                                                                                      -يالقۇن روزى

                                                                                                                 2002-يىل ، يانۋار

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»دېگەن كىتابلىرىنى ئالاي دېگەن. بۇ كىتابلار ھازىرمۇ بارمۇ؟

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.