قىيامەت

ئاپتورى:چىڭغىز ئايتماتوف

باھاسى:30.00

1991-يىل 1-ئاي 1-نەشرى

2009-يىل3-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:5081-8800

Isbn:9787228014675

                                                                                   كىرىش سۆز

   مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتىماتوف 1928-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ تالاس ئوبلاستىدىكى شېكەر يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەسەرلىرىنى رۇسچە ۋە قىرغىزچە يازىدۇ . ئۇ «جەمىلە» ، «ئانا يەر» ، «ئەلۋىدا ، گۈلسارە!» ، «ئاق پاراخوت» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە زامانىمىزدىكى ئۆتكۈر ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ، بۇ ئەسەرلىرىدە خەلق ئەدەبىياتى ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ، رىۋايەتلەردىكى ئوبزورلاردىن پايدىلىنىش پسىخىك تەھلىل بىلەن چىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن.

    يازغۇچىنىڭ «قىيامەت» رومانى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر ، پاجىئەلىك ۋەقەلىكلەر ۋە تەسىرلىك دراماتىزىم ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، ئىنسانىيەتنى ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان قىيامەتلىك تەقدىر ۋە كېلىش ئالدىدا تۇرغان بالايىئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ . ئۆزگىچە ئەدەبىي ئۇسۇلۇپتا يېزىلغان بۇ روماندا تەقدىر ۋە ئازادلىق ، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر تەسۋىرلىنىدۇ . يازغۇچى بوستون ، ئاۋدىي ، پونتىي پىلات قاتارلىق ئوبرازلار ئارقىلىق ھايات ھەققىدە پەلسەپىۋى پىكىر يۈرگۈزىدۇ .

    «قىيامەت» رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى . نۇرغۇن ئوبزورچىلار ، بۇ جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەر پاش قىلىنغان پەند – نەسىھەت خاراكتېرلىك ئەسەر ، ئۇنىڭدا زامان ۋە ماكان چېكى بۇزۇلۇپ تاشلانغان ، دەپ ھېسابلىدى . نۇرغۇن كىشىلەر ، مويىنقۇم چۆلىنىڭ قىيامەت كۈنى توغرىسىدىكى تەسۋىرلەر كارامەت ياخشى يېزىلغان ، دەپ قارىدى .ئۇلار بوستوننى يېڭى دەۋر ئاچالايدىغان چارۋىچى ، روشەن ۋە مۇكەممەل ئوبراز دېيىشتى ، روماننىڭ ئۈچىنچى قىسمىنى «رېئاللىقتىكى ئايتىماتوف» ، «بۈيۈك يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبى» دەپ قاراپ ، «يازغۇچىنىڭ ئۆز مەقسىتىدە ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ يېڭى ئەسەر ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن» دەپ ھېسابلىدى .

    رومان نەشردىن چىقىشى بىلەنلا كۈچلۈك بەس – مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى . بەزى ئوبزورچىلار بۇ ئەسەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ بەزى بابلىرىدىن ھەتتا «چۆچۈپ كەتكەن » ، ئۇنى «چۈشەنمىگەن» ، «ياخشى كۆرمىگەن» ، ئۇنىڭدىن «ئاز – تولا ئۈمىدسىزلەنگەن» ، شۇنىڭدەك «بىزار بولغان» . ئومۇمەن ئالغاندا ، «چۈشەنمەسلىك» ئاساسەن «ئېجىل» غا دائىر ۋەقەلىككە مەركەزلەشكەن . ئۇلار ، ئاپتورنىڭ بىر خرىستىئاننى باش قەھرىمان قىلىۋالغانلىقى ئادەمنى «گاڭگىرىتىپ قويىدۇ» ، ئەسەردە خرىستوس توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ۋە ئىنجىل قىسسىلىرى «ئۆرۈپ – ئادەتكە مۇۋاپىق ھالدا بىر تەرەپ قىلىنغان »، شۇڭا روماننىڭ بۇ قىسمىدىن «سەل – پەل مودا قوغلاشقانلىق» چىقىپ تۇرىدۇ ، دەپ ھېسابلىدى . ئۇلار ، بۇنداق ۋەقەلىكلەر «ئاتېئىزملىق دۇنيا قاراش بىلەن سىغىشالامدۇ يوق» ، ئاپتور«خرىستىئان دىنى ئەنئەنىلىرىنى قوغداش» تەرەپدارىمۇ – قانداق ، دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بەزىلەر ، ئايتىماتوف  «قىيامەت» رومانىدا نېمە ئۈچۈن بىر جۈپ بۆرىنى يازىدۇ  يەنە كېلىپ ، ئۇلارنى نېمىشقا «سەمىمىي – ساداقەتلىك» ، «ئاق نىيەتلىك ۋە جاسارەتلىكنىڭ سىمۋولى» قىلىپ يازىدۇ ، يەنە كېلىپ ، نېمىشقا «ئالتەيلەن ۋە يەتتىنچى» دىكى ساندۇر ئۆزىنى ئۆزى ئېتىۋالىدۇ ،  ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشى «شەخسىي بىلەن ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ بىردەك بولماسلىقى» دىن دېرەك بېرەمدۇ – قانداق ، كىتابنىڭ ئىسمىنى نېمىشقا «قىيامەت» قويىدۇ ، دېگەنگە ئوخشاشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى . مۇشۇ نۇرغۇنلىغان «چۈشەنمەسلىكى» لەرنى «ئەسەرنىڭ غەلىتىلىكى ياكى تۇرمۇشنىڭ غەلىتىلىكى» گە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ .

   «قىممىتى ھاياتلىقتا» دېگەن تېمىدىكى زىيارەت خاتىرىسىدە، ئايتماتوف »قىيامەت«نى  يېزىشتىكى ئىدىيىسى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە چۈشەنچە بەرگەنىدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئەسەرنى چۈشىنىشىگە ياردىمى تېگىپ قالار دىگەن مەقسەتتە، تۆۋەندە شۇ زىيارەت خاتىرىسىدىن بىر نەچچە ئۈزۈندى ئالىمىز :

   باش قەھرىمان توغرىسىدا:«خرىستىئان دىنى ئىنتايىن قۇدرەتلىك بىر شەخسنى- ئىيسا پەيغەمبەرنى ياراتتى…ئىيسا پەيغەمبەر مىنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە مەلۇم يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىمگە ئاساس بولدى، شۇڭلاشقا مەن ئاتېئىست بولساممۇ ، ئىجادىيەت يولۇمدا ئىيسا بىلەن ئۇچراشتىم،  مىنىڭ باش قەھرىمان تاللاشتىكى سەۋەبىم ئەنە شۇ»،«شۇنداق ، ئادۋىي ئۆزى رۇس، لېكىن مەن ئۇنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كۆرىمەن ، بىر خرىستىئان مۇرىتى سۈپىتىدە كۆرىمەن…مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، مەن ئادەمگە تۇتىشىدىغان بىر يولنى دىن ئارقىلىق كۈتكۈزۈپ چىقماقچى بولدۇم، تەڭرىگە تۇتىشىدىغان يولنى ئەمەس،ئادەمگە تۇتىشىدىغان يولنى! ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، روماندىكى ھەممە يىپ ئۇچلىرىدىن  بىر ئاساسلىق يىپ ئۇچى چىقىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاۋدىي ۋە ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى»

    پونتىي پىلات بىلەن ئىيسانىڭ سۆھبىتى توغرىسىدا:«مەن بەزى يېڭى نەرسىلەرنى ،بىز بۈگۈنكى كۈندە تونۇشقان نەرسىلەرنى كىرگۈزمەكچى بولدۇم، بولۇپمۇ ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ دۇنياۋى ئاجىزلىقلىرىنى سۆزلىمەكچى بولدۇم. مەن كۆپچىلىككە مەھشەر كۈنىدىكى سوراقنى دۇنيانىڭ يادرو قىيامىتى دەپ چۈشەنسۇن، دىگەن ئويدا ئەمەسمەن،لېكىن دەل شۇنداق تەھدىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن، قورقۇشقا تېگىشلىكى، دۇنيانىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، سىرلىق قىيامەت كۈنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز قىلىپ قويۇشىمىز ئېھتىمالى بولغان ،قورقۇنچلۇق رېئاللىق بولۇپ قالىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىسپاتلاشقا مەجبۇر بولدۇم».

   «ئالتە ۋە يەتتىنچى» توغرىسىدا :« بۇ يەردە زەنجىرسىمان رېفلېكس مەۋجۇت:ئالتە ئادەم شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىپ ئادەم ئۆلتۈرىدۇ ، يەتتىنچى ئادەم شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى جازالايدۇ. ئۇلارى ئۇجۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەم سۈپىتىدىكى ئۆزىنى يوقاتقانلىقىنى سېزىدۇ، ئاخىرى تۇيۇق يول ۋە تراگېدىيە بىلەن نەتىجىلىندۇ» ، «مەن بۇ كىچىككىنە ھېكايە ئارقىلىق، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ مىللىي تراگېدىيە بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچىدىم».

      كىتابنىڭ ئىسمى توغرىسىدا:«كىتابنىڭ ئىسمىغا كەلسەك، مېنىڭچە بۇ روماننىڭ مەزمۇنىدىن كەلگەن».

    قىيامەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ئەسەر . پۈتۈن ئەسەرگە ياخشىلىق بىلەن يامانلىققا ئوخشاش پەلسەپىۋى تەپەككۇر سىڭدۈرۈلگەن ، ئاپتور سېموۋۇللاش ۋە كىنايە ۋاسىتىلىرىنى كەڭ قوللانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەدەبىيات- سەنئەت كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان ئوبزورچىلارنىڭ بۇ ئەسەرگە بېرىدىغان باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭا «قىيامەت»نىڭ بەس مۇنازىرە قوزغىشى ناھايىتى تەبىئىي بىر ئەھۋال . بەس – مۇنازىرە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق  ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ ،خالاس.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

بۈۋى مەريەم چېركاۋى بۈۋى مەريەم چېركاۋى
ھايات قىسمىتى (1،2-قىسىم) ھايات قىسمىتى (1،2-قىسىم)
تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا
چىڭگىزخان
شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.