ئاشىق – مەشۇقلار
ئاشىق – مەشۇقلار
ئاپتورى:ئامان نۇرى ئابدۇرۇسۇل
باھاسى:20.00
2009-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى
2009-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
Isbn:9787537165075
مۇھەررىردىن
يازغۇچى ئامان نۇرى ئابدۇرۇسۇل 1938-يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ بۇيامەت كەنتىدە تۇغۇلغان . 1942-يىلى ئائىلىسى بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ۋە بېيجىڭ مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىدە ئوقۇغان .ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان . كېيىن «ياچېيكا تۇرمۇشى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان . 1961-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت – مائارىپ – سەھىيە بۆلىمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن . 1972-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى يولۇچى توشۇش شىركىتىدە كالون باشلىقى بولغان .، 1980-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە «ياچېيكا تۇرمۇشى»ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر بولغان . 1980-يىلىدىن 1996-يىلى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارىدىكىلەر پارتكومىدا باشقارما باشلىق دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن .
يازغۇچى ئامان نۇرى ئابدۇرۇسۇل شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن . ئۇنىڭ شۇ چاغلاردا يازغان «مەن كومسۇمۇلمەن»، «ۋەتەن» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋە ناخشا تېكىستلىرى ياشلار ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان . «تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار» رومانى، «نۇزۇگۇم»،«تۇرپان پارتىزانلىرى»، «ئاشۇ يىللاردا» قات ئارىلىق كىنو سېنارىيىلىرى ، «سەرگەردان بوۋاق»، «تۇپراق بېشىدا»،«ئەخمەت ئەپەندىم» (ئەخمەتجان قاسىمى) قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنغان .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق