قازاقلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
<قازاقلارنىڭ قىسقىچە تارىخى> نى يېزىش گۇرۇپپىسى تۈزگەن
باھاسى:24.00
1999-يىل 8-ئاي 1-نەشرى
1999-يىل 8-ئاي 1- بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN: 7228046226
<جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مەللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن مەجمۇئە > نىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ھەققىدە
ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن ، كۆپ مىللەتلەك دۆلەت. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنىڭ ئۇزاق تەرەققىيات تارىخى جەريانىدا ، ھەر مىللەت خەلقى ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشقانىدى . ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋەتىنىمىز تارىخىنىڭ ئايرىلماس قىسىمى ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز تارىخىغا بولغان ئىپتىخارىنى قوزغاش ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارىي قىلدۇرۇش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، ئۇلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋالاشتۇرۇش قۇرلۇشىغا ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ، «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن مەجمۇئە» نى رەسمىي نەشر قىلىش قارا قىلىندى .
بۇ مەجمۇئە كوللېكتىپنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا تۈزۈپ چىقىلدى ۋە نەشر قىلىندى .
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر كومىتېتى ۋە گوۋۇيۇەن مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 1956-يىلىلا كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلغانىدى .1958-يىلى ، گوۋۇيۇەن مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە ، ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ كونكرېت رىياسەتچىلىكىدە ، مىللەتلەر داشۆسى ۋە بېيجىڭ شەھىرى ھەمدە ھەر قايسى ئۆلكە ، ئاپتۇنوم رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ پائال قاتنىشىشى بىلەن ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە قىسقىچە تەزكىرىسى يېزىشقا كىرىشكەنىدۇق . 1959-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى يېزىلىپ پۈتتۈرۈلدى . 1963-يىل مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى كەڭ كىتابخانلاردىن پىكىر ئېلىپ ، تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن ، ئاشكارا نەشر قىلىش سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ، بۇ نۇسخىنى بېسىشقا تاپشۇرغانىدى . لېكىن ، لىن بياۋ ۋە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىسىدا ، مىللەتلەر تەتقىقات خىزمىتى ئون نەچچە يىل توختاپ قالغانلىقتىن ، بۇ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدۇق . ئەمدى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىنىڭ 1949-يىل پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولغانغا قەدەر بولغان قىسىملىرىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۈزېتىپ ۋە تولۇقلاپ ، ئايرىم – ئايرىم تۈردە ئاشكارا نەشر قىلىش قارار قىلىندى .
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ، بولۇپمۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز يېزىقىدا يېزىلغان تارىخىي ماتېرىياللىرىنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە توپلاپ ، رەتلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ . شۇڭا بۇ مەجمۇئەنى تۈزۈپ چىقىشقا ھازىرچە پايدىلانغىلى بولىدىغانلىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى ئاساس قىلدۇق . ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋىيىمىز چەكلىك بولغانلىقتىن ، يېتەرسىزلىك ۋە خاتالىقلاردىن خالىي بولۇش تەس ، شۇڭا كىتابخانلىرىمىزنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى بەش خىل مەجمۇئە تە تەھرىر ھەيئىتى «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مەللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن مەجمۇئە » تەھرىر گۇرۇپپىسى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق