كۆۋرۈكتە قالغان چۈش
ئاپتورى:روبېرت جامېس ۋاللېر
باھاسى:8.50
2005-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
2005-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3060
ISBN:7228091353
روبېرت جامېس ۋاللېر ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى ، مەشھۇر فوتوگراف ، كومپوزىتور ، «كۆۋرۈكتە قالغان چۈش » ، «كۆۋرۈككە باغلانغان چۈش» نىڭ ئاپتورى . ئۇنىڭ يەنە «يېڭى سارايدىكى كونا ناخشا» ، «گىرۋەكتىكى مۇزىكا» ، «مىڭلىغان سېغىنىش يوللىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار . شېئىرىي تۇيغۇغا تويۇنۇش ۋە مۇھەببەت گۈزەللىكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ جېنى . ئۇ ئەسەرلىرىدىكى كىشىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىدىغان ئۆتكۈر ھېسسىياتلار ئىچىگە ئىنسانىيەتنىڭ ساپ ،ئاددىي تۇرمۇشىغا بولغان تەلپۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا قايتىش كەيپىياتى سىڭدۈرۈلگەن .
قەدىمكى لەمپىلىك كۆۋرۈك ، يىراقتىن كەلگەن تەنھا سەيياھ ، بىر – بىرىگە ئاستا – ئاستا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان ئىككىيلەننىڭ قەلبىدىن چاقنىغان ئىششىق ئوتلىرى ، تالاي ۋىسال ئىزدەپ ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانىنى تاپقان روھ ، تەقدىر – قىسمەت تۈپەيلى بىر بىرىدىن نائىلاج جۇدا بولغان ئاشىق – مەشۇق يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈچەيگەن پىراق ، سەرسانلىقتا جاراھەتلەنگەن مۇھەببەت… يۈرەكنىڭ قات – قېتىغا ئورناپ كەتكەن سۆيگۈ رىشتى ، ئېچىنىشلىق پاجىئە….
بۇ كىتاب نېمىشقا شۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشىدۇ ؟ بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ روھىي قانداق ؟ سىز بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقسىڭىز بۇلارغا جاۋاب تاپالايسىز…
«كۆۋرۈكتە قالغان چۈش » 1992-يىلى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ، دۇنيادىكى سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن ، ئۇلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان ، بۇ ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىمىمۇ پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا قاتتىق تەسىر قوزغىغان .
«كۆۋرۈكتە قالغان چۈش » يورۇقلۇققا چىقىپ ئون يىلدىن كېيىن ، روبېرت جامېس ۋاللېر سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى «كۆۋرۈككە باغلانغان چۈش» نى يېزىپ ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر نەچچە يىلىدىن بېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇ بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقنىڭ تەقدىرىنى ئادەم رازى بولغۇدەك خۇلاسىگە ئىگە قىلدى .
كۆۋرۈككە باغلانغان چۈش» تىكى ۋەقەلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمايدۇ ، بىر – بىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەن ئۇ ئاشىق – مەشۇق ئەسەردە باشتىن ئاخىرى يۈز كۆرۈشەلمەيدۇ ، بۇ ئەھۋال ئەسەرنى ئاجايىپ جەلپكارلىققا ئىگە قىلغان . ئەسەردىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلار كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ، پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ، ھېسسىيات توقۇنۇشلىرى ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن . مانا بۇلار «كۆۋرۈككە باغلانغان چۈش» نى دۇنياغا مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ داۋامىغا قىزغىنلىق سۇسلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ زور شۆھرەتكە ئىگە قىلغان .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق