ئەرنى يەر ئادەم قىلىدۇ
ئەرنى يەر ئادەم قىلىدۇ
ئاپتورى:غەيرەت ئاسىم
باھاسى:20.00
2008-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى 2-ئەي 2-نەشرى
تىراژى:3001-5000
ISBN:9787105092345
قىسقىچە مەزمۇنى
سەھەر شاكىرجان بىسمىللا دەپ تاغنىڭ كەينىدىن ئۆلەۋاتقان قۇياشقا قاراپ يولغا چىقتى . قۇياشنىڭ سېھىرلىك نۇرلىرى بۇ تاغ رايونىنى بەكمۇ چىرايلىق قىلۋەتكەنىدى . ئات لەرزان قوڭغۇراق ساداسى ئىچىدە ھارۋىنى بىرخىل سۆرەپ كېتىۋاتاتتى . قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى ئاستىدا بېشىنى كۆتۈرگەن ئوت – چۆپلەر تەببئەتنىڭ ھاياتبەخىش ھاۋاسى بىلەن سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى . ئوت – چۆپلەر، ئارىسىدا كۈلۈپ تۇرغان نۇرلارغا ، زېمىندە بىر كېچىدە يۈز بەرگەن بارلىق گۈزەل ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ بەردى . نۇرلارمۇ ھاۋا بوشلۇقىدا ئويناپ يۈرگەن ئاشۇ ياخشى ئىشلارنىمۇ ئوت – چۆپلەرگە سۆزلەپ بەردى . ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇلار مۇشۇنداق مۇھەببەت ئىچىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى . ئەگەر ئاتنىڭ زۇۋانى بولغان بولسا ، ئۇ مۇشۇ رايونىڭ يوللىرى ئۇلار بىلەن بولغان سان – ساناقسىز مۇھەببەتلىك كۆرۈنۈشلىرى مۇھەببەتلىك ئىنسانلارغا داستان قىلىپ بەرگەن بۇلاتتى ، ئۇنىڭدىن باشقا دەيدىغان ئىشلارمۇ جىق ئىدى . كۆتۈرۈلگەن قۇياش تۈزلەڭلىكتىكى رەڭگارەڭ گۈللەرنى كۈلدۈرۈشكە باشلىدى ، ياخشى ماكاننىڭ ياخشى گۈللىرى ، ياخشى قۇياشنىڭ ياخشى نۇرلىرى ئاستىدا مۇشۇنداق يېقىملىق ئىچىلاتتى ، ئىچىلىش ئارلىقىدىكى شۇ مىنۇت ئىچىدە قۇياش نۇرىنىڭ لەۋلىرىگە خۇمار بولۇپ كەتكەن گۈل ياپراقلىرى نۇرلارنىڭ تاتلىق شىرنىسى ئىچىدە مەست بولۇپ كېتەتتى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق