خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر
خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر
ئاپتورى:غەيرەت ئاسىم
باھاسى:19.00
2003-يىلى 10-ئاي 1-نەشرى
2009-يىلى 3-ئاي 3-بېسىلىشى
ISBN:9787537146708
قىسقىچە مەزمۇنى
يىللار 1966-يىلىنىڭ دەرۋازىسىنى ئۈن – تىنسىز ئېچىۋەتتى …
شەھەر تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوبۇس تەتۈر ئۆستەڭ بازىرىغا كېلىپ توختىدى . گۈلباھار ئاپتوبۇستىن ئەڭ ئاخىرىدا چۈشتى.
دوقمۇشتىكى كېچىلىك بازار بەكمۇ قىزىپ كەتكەنىدى ، زاسۈيپەزلەر ، ئاشلەمپۇڭچىلار ، كاۋاپچىلار ، … بىر – بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك ئالىتاغىل ئاۋازلىرى بىلەن خېرىدار چاقىرىشاتتى . گۈلباھار يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندىن كېيىن ، قوللىرىدىكى سومكىلىرىنى يەرگە قويۇپ ، بىردەم تۇرۇۋالدى ، ئۇنىڭ غەمكىن كۆزلىرىگە يولنىڭ چېتىدە تۇرغان بىرنەچچە خادىك چېلىقاتتى ، ئۇنىڭ دىققىتى بىر بوۋاينىڭ خادىكىغا مەركەزلەشتى. گۈلباھار ئاشۇ بوۋاينىڭ خادىكىگە چۈشەي دەپ ئويلىدى ئىچىدە. گۈلباھار يەردىكى سومكىسىنى قولىغا ئېلىپ ، خادىكتا پەس ئاۋازدا ناخشا ئېيتىۋاتقان خادىكچى بوۋاينىڭ قېشىغا كەلدى.
– كېلىڭ ، قىزىم ، خادىكقا چىقىڭ ، قەيەرگە بارىسىز ؟-دەپ سورىدى بوۋاي كۆرۈپ خادىكتىن چۈشۈۋېتىپ .
– قارىياغاچ مەھەللىسىگە باراتتىم ، -دېدى گۈلباھار.
بوۋاي گۈلباھارنىڭ قولىدىكى سومكىنى ئېلىپ ،خادىكنىڭ ئۈستىگە قويدى .
– خادىكقا چىقىڭ ، قىزىم ، مەن سىزنى بىردەملا يەتكۈزۈپ قۇيىمەن ، – دېدى بوۋاي .
گۈلباھار خادىكقا چىقىپ ئولتۇردى ، خادىك قوزغىلىپ يولغا چۈشتى ، گۈلباھار سومكىسىنى بىقىنداپ يانتۇ ئولتۇردى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق