زىمىن مۇھەببىتى
ئاپتورى:تۇرسۇن لىتىپ
باھاسى:19.00
2004-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
2004-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7228091930
مۇندەرىجە
1.ھەسرەت ۋە ئىشقىۋازلار
2.تۇل خوتۇنلار ئاشخانسى
3.سۈرىتىنى تارتىش
4.ئەندىشىلىك كۈنلەر
5. تۇل خۇتۇنلار غېمىدە
6.داۋۇت دودەن
7.تۇردى تۇلۇم
8.ئېدىتلىق ئىش
9.قىمار دەردى
01.ئەرەنچە كىيىنگەن سودىگەر
11.ھېكمەت ئىشىكىنى ئېچىش
12.مېھرىگۈلنىڭ گۈللىرى
13.يېشىلزالىق
14.چوپان قىز
15.ساختىمۇ ئالدىنىدىكەن
16.«ئۇھ»
17.ئۆي يولغا چىقىپ كەتكەندە
خاتىمە
باش سۆز
ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىي بېكىتىدىن كەچ سائەت يەتتىدىن چىققان ئاپتوبۇس تاشپاقىدەك ئۆمىلەپ ، ئەتىسى سەھەر سائدت ئۈچتە شىخوغا ئاز قالغان سايدىكى جايغا يېقىنلاشتى . قاتتىق سوقۇلۇش پەيدا قىلغان سىلكىنىشتىن يولۇچىلار ئويغۇنىپ كەتتى خوتۇن – قىزلار چېقىرىشىپ كەتتى. مالىمانچىلىق ئىچىدە بىر ئايالنىڭ :
– ۋاي ئانىمەي ، نېمە بولدى؟ – دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .
– ئاپتوبۇس تېيىلىپ بېرىپ ، ئالدىدا تۇرغان يۈك ماشىنىسىغا ئورۇلدى.
– قاراڭلار ، ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى چوڭ ئەينىكى پېقىش – پېقىش بولۇپ كېتىپتۇ.
– يائاللا ، ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز ؟ …
ئۇلار دېگەندەك ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىدىن سوغۇق كىرىپ ھەممىنى مۇزلاتقىلى تۇردى . ئەرلەر ئاپتوبۇستىن يەرگە چۈشۈشتى . سايغا كىرىدىغان يول تىكرەك ئىدى . 3-ئاينىڭ ئاخىرى بولسىمۇ يول يوڭ ئىدى . قار پاختەكتەك – پاختەكتەك چۈشۈۋاتاتتى . ئاپتوبۇس سول تەرەپ يولدىن چىقىپ ، تېيىلىپ بېرىپ قىڭغىر توختاتقان يۈك ماشنىسىنىڭ كەينى ساندۇقىغا ئۇرۇلغىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
– ھاي يىگىتلەر ، تېز يولنىڭ چېتىگە چىقىڭلار ، يەنە بىر ماشىنا تېيىلىپ كېلىپ مىجىۋەتمىسۇن!- دېدى يولنىڭ يېنىدىكى دۆڭدە تۇرغان بۇۋاي .
شۇ ھامان بۇۋاينىڭ ئاغزىدىن سائەت چىققاندەك ، سايدىن دۆڭگە چىقىۋاتقان بىر يۈك ماشىنىسى كەينىچە تېيىلىك كېلىپ ، ئاپتوبۇسنىڭ كەينىگە گاچچىدە ئۇرۇلدى . يىگىتلەر بۇۋاينىڭ گېپىگە كىرىپ ، يول چېتىگە چىقىپ ئۈلگۈرگەنىدى . شوپۇرلار بىر – بىرىگە ۋاقىراپ دېيىشكەن قوپال سۆزلىرى كۈپەيدى .
– سېنى تۇغقان ئاناڭنى تىللاۋەرمەي ، ئاۋال مۇنۇ مۇزلاپ كەتكەن ئانا – بالىلارنى ئىسسىقراق يەرگە ئاپىرىشنىڭ غېمىنى قىل ! -دېدى بۇۋاي.
…………
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق