ئاق ئىتىم
ئاپتورى: پەرھات جىلان
باھاسى:34.00
2008-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى
2008-يىلى 5-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-5000
ISBN:9787228116737
ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى
تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1954-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان .
ئۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە «سول» چىللىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تاشچىلىق ۋە ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان . «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ، بىر مەزگىل باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا دەسلەپتە رۇسچە تەرجىمان ، كېيىنچە تەرجىمە – ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، 1994-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ، 2006-يىلى پېنسىيىگە چىققان .
پەرھات جىلاننىڭ نۇرغۇن ھېكايە – پوۋېستلىرى ، «مەھمۇد كاشغەرىي» ، «ئورخۇن شەجەرىسى» ، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى»، قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى نەشردىن چېقىپ ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان . ئۇنىڭدىن باشقا ن. ئا . باسكاكوۋنىڭ «تۈركى تىللار» ناملىق ئەسىرىنى ، «گراف مونتېكرىستو» ناملىق مەشھۇر رومانىنى ، تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە ھېكايىلەرنى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان .
پەرھات جىلان ھازىر جۇڭگو تۈركى تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ چەت ئەل تىللىرى تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
-
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:56:00نەقىل مەنبەسى :تۆت خەلىپە : كىتابپۇرۇش ئۇچۇرلىرى
-
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:09:54نەقىل مەنبەسى :مىڭ يىل بۇرۇن، مىڭ يىل كېيىن : كىتابپۇرۇش ئۇچۇرلىرى
ھازىرچە ئىنكاس يوق