يېڭى ھايات
ئاپتورى:ئورخان پامۇك
باھاسى:20.00
2008-يىلى 7-ئاي1- نەشرى
2008-يىلى 7-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:0001-4000
ISBN:9787105091898
«يېڭى ھايات» رومانى ھەققىدە
“بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم ، شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى.“
ئورخان پامۇكنىڭ جۇشقۇن ، لىرىك ۋە سېھىرلىك رومانى «يېڭى ھايات » مۇشۇ جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇ ئوقۇغان كىتابىدىن زىلزىلىگە كېلىپ ئۇنىڭغا ئەسىر بولغان ، كىتاب بەتلىرىدىن ھەر دەم چېچىلغان نۇرغا پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ۋە كىتابتا تەسۋىرلەنگەن يېڭى ھاياتىنى قوغلاشقان بىر قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ھېكايىسىدۇر ، ئۇ كىتابنىڭ سېھرىي كۈچىگە سەۋدايىلارچە بېرىلىدۇ ، بىر قىزغا ئاشىق بولىدۇ ، ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىدىن يېراقلىشىدۇ ، ئىستانبۇلدىن ئايرىلىپ ، ئاپتوبۇس بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ ، چەت شەھەرلەرنى كېزىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە رومان ۋەقەلىكىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئوقۇرمەن باش پېرسوناژ ئوقۇغان سېھىرلىك كىتابقا ئەمەس ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرگە دىققەت قىلغاچ ئۆزىمىزگە خاس بىر قايغۇ – ئەلەمنىڭ ۋە شىددەتلىك تۇيغۇنىڭ نەق مەركىزىدە ئۆزىنى كۆرىدۇ . رەڭسىز تېلېۋىزورى بار قەھۋەخانىلارغا ، ۋىدىيوسى ئاپتوبۇسلارغا ، قاتناش ۋەقەلىرىگە ، سىياسىي سۇيىقەست ۋە جىنايەتلەرگە ، بايلار تەشكىلاتىغا ، ئاقماس نەزەرىيىلەرگە ، سەزگۈر مۇخبىرلارغا ، يوقالغان كونا نەرسىلەرنىڭ ئىلھام تىۋىشلىرىغا ، چەت جايلارنىڭ ھەسرەت – خاپىلىقلىرىغا قەدەر كەتكەن بۇ ئاجايىپ سەپەر ئورخان پامۇكنىڭ مودېرنىزم دۇنياسى رومانچىلىقىنىڭ ئەڭ خاسلىققا ئىگە يازغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ . بۇ بىر تەرەپتىن ، ھاياتنىڭ تەڭداشسىز پەيتلىرىنىڭ ، ئۆلۈمنىڭ ، ئەسەرنىڭ ھادىسىنىڭ سىرلىرىغا ، بىر تەرەپتىن بالىلىققا ئائىت رەسىملىك رومانلارغا بىر كۆرۈنۈپ ، بىر يوقايدىغان پەرىشتىگە ، دانتې نىڭ ، رىلكې نىڭ شېئىرلىرىغا قۇچاق ئاچقان ئۆزگىچە بىر رومان .
بىزگە خاس قايغۇ – ھەسرەتنىڭ ۋە شىددەتلىك تۇيغۇنىڭ مەركىزىگە سەپەر قىلغان رومان .
«يېڭى ھايات» كىشىگە ۋالتېر بېنجامىن نىڭ :بارلىق ئۇلۇغ ئەدەبىي ئەسەرلەر بىر شەكلىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ياكى يېڭى بىرىنى باشلىتىدۇ ، يەنى ئۇلار ئۆزگىچە ۋەقەلەردۇر ، دېگەن سۆزنى ئەسلىتىدۇ. «يىڭى ھايات» ئۆزگىچە بىر ۋەقە.
ئەنگلىيە.
ئاپتور ھەققىدە
ئورخان پامۇك 1952-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان ، نىشانتاش تا «جەۋدەت بەگ ۋە ،ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» ، «قارا كىتاب» ناملىق رومانلىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئائىلىدە چوڭ بولغان ؛ نيۇ – يوركتا ئۆتكۈزگەن ئۈچ يىلنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئاساسەن ئىستانبۇلدا ياشىغان ؛ ئوتتۇرا مەكتەپنى روبېرت كولىژىدە ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇلدا تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخباراتچىلىق ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن . بالىلىق ۋە ياشلىقىدا رەسسام بولۇشنى ئويلىغان پامۇك 1974-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن . ئۇنىڭ تۇنجى رومانى «جەۋدەت بەگ ۋە ،ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» 1979-يىلى «مىللەتلەر نەشرىياتى رومان مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن . ئۈچ ئەۋلاد ئىستانبۇللۇق بىر سودىگەر ئائىلىسى ھېكايە قىلىنغان بۇ كىتاب 1983-يىلى «ئورخان كامال رومان مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن . شۇ يىلى تۇنجى نەشر قىلىنغان «جىمجىت ئۆي» رومانى 1984-يىلى ”مادارلىق رومان مۇكاپاتى“ غا ۋە بۇ كىتابنىڭ فرانسىيىدە چىققان تەرجىمىسى 1991-يىلى ”ياۋروپا ئىجادىيەت مۇكاپاتى“ غا ئېرىشكەن . 1985-يىلى نەشر قىلىنغان ، ۋېنېتسىيلىك بىر قۇل بىلەن ئوسمانلى ئالىمى ئارىسىدىكى ئىشلار بايان قىلىنغان تارىخىي رومان «ئاق قەلئە» پامۇكنى دۆلەت ئىچى سىرتىغا تېخىمۇ كەڭ تونۇتقان .«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى » “شەرقتە بىر يۇلتۇز پارلىدى“ دەپ مەدھىيىلەنگەن بۇ كىتاب ياۋروپادىكى ئاساسلىق تىللارنىڭ ھەممىسىگە تەرجىمە قىلىنغان . 1990-يىلى نەشر قىلىنغان «قارا كىتاب» مۇرەككەپلىكى، مەزمۇنىغا بايلىقى ، پىكىرنىڭ موللىقى بىلەن ھازىرقى زامان تۈرك ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان رومانلارنىڭ بىرىدۇر . پامۇك 1992-يىلى ئۆمەر كاۋۇر رىژىسسورلۇق قىلغان «سىرلىق چىراي» فىلىمىنىڭ سېنارىيىسىنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرغان . ئاجايىپ سېھىرلىك بىر سېھىرلىك بىر كىتابقا ئەسىر بولغان ستۇدېنت ياشلارنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان «يېڭى ھايات » رومانى 1994-يىلى نەشر قىلىنغاندا تۈرك ئەدەبىياتى ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان ۋە تۈركىيە تارىخىدا تېز سۈرەتتە سېتىلغان كىتاب بولۇپ قالغان . ئۇنىڭ 1998 – يىلى نەشر قىلدۇرغان ئوسمان ئىمپېرىيىسى نەققاشلىرىنىڭ ھاياتى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى ھەققىدىكى «مىنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق تارىخىي رومانى پەۋقۇلئاددە تەسىر قوزغىغان ؛ 2001-يىلى كۆپلىگەن دۆلەتتە نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب شۇ دۆلەتلەردە شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى چەت ئەل كىتابى سۈپىتىدە قارشى ئېلىنغان . پامۇك ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ يازغان خاتىرىلىرى ، گېزىت ژۇرناللارغا بېسىلغان ماقالىلىرى ، مەشىق ئەسەرلىرى ، ئوبزورلىرى ، خەۋەرلەر ۋە ساياھەت خاتىرىلىرىدىن ئەستايىدىل تاللانغان ئەسەرلىرىنى ، ئىلگىرى ئېلان قىلىنمىغان «دېرىزىدىن قاراش» ناملىق ئۇزۇن ھېكايىسىنى 1998-يىلى«باشقا رەڭلەر»ناملىق كىتاب قىلىپ جەملىگەن.2002-يىلى پامۇك كارس تا يۈز بەرگەن مۇھەببەت ۋە سىياسىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك «قار» ناملىق رومانىنى نەشر قىلدۇرغان . ئورخان پامۇكنىڭ كىتابلىرى 40 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان .
ئۇ ئەدەبىيات ساھەسىدە قازانغان ئاشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن 2006-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى ئورخان پامۇكقا ”ئۇ ئۆز دىيارىدىكى غېرىب روھىنى ئىزدەش داۋامىدا مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە گىرەلىشىپ كەتكەن يېڭى سىمۋولىنى بايقىغان ”دەپ باھا بەردى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق