سەرسان روھ

«سەرسان روھ» نىڭ گۈزەل ئىستەكلىرى

«سەرسان روھ» رومانىغا سىڭگەن بۇ ئىدىيە يازغۇچىنىڭ ئارزۇسى بىلەنلا پەيدا بولغان ئەمەس. ۋەتەن تۇپرىقىنى ھەر مىنۇت ھەر سېكۇنت ياد ئېتىش- ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ھەربىر سەرگەردان ئۈچۈن ۋىجدانىي بۇرچ . مانا مۇشۇ ئەمەلىيەت ئاپتورنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق رومانغا ئايلىنىپ . «سەرسان روھ» دېگەن نام بىلەن گۈزەل قەلبلەردىكى گۈزەل ئارزۇلارنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە بىز بىلەن دىدارلاشتى .

روماننى ئوقۇساق ، قەشقەرلىك ئاق كۆڭۈل تىجارەتچى ئاتىخان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەكبەر، ئۇنىڭدەك ئالاھىدە ، تەبىئىي خاسلىقى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ھېلىمشالارنىڭ ئۆز يۇرتىدىن چىقىپ ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە ، مەككە شەھەرلىرىگە يىتىپ بارغۇچە ۋە ئۇ يەرلەرگە بارغاندىن كېيىن ، ئۇزاق يىل تارتقان جۇدالىق ئازابلىرى ، پاجىئەلىرى، جاپالىق كەچۈرمىشلىرى بىزنى ئويغا سالىدۇ.

ۋەتەنسىزلىك – ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ يېتىملىك ، پاناھسىزلىق ، 1987-يىلى گېرمانىينىڭ ميۇنخېن بىر ياشانغان ئۆزبېك ماڭا :«نۇرغۇن پۇل بەرسەك مۇشۇ يەردە قالامسىز» دېگەندە ، مەن :«مەن ھەرگىز ئۆلگەن ھۈجەيرە بولۇشنى خالىمايمەن . ۋەتىنىدىن ، خەلقىدىن ئادەم باشنىڭ كېپىكىگە ئوخشايدۇ ، مەن بۇنداق كېپەك بولۇشنى ھەرگىز خالىمايمەن » دېگەنىدىم. ئۇ، ھۆڭرەپ يىغلاپ :«مەن ئون ئالتە يېشىمدا ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا پىدائىيلار قوشۇنىغا ئەسكەر بولۇپ قاتنىشىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوق ئاتقان ۋە ئاخىرى مەغلۇپ بولۇپ، ۋەتەنسىز قالغانمەن دۇنيادا مەن بارمىغان يەرلەر ئاز قالدى ، پۇلۇم جىق خوتۇن – بالىلىقمۇ بولدۇم ، لېكىن مەن ئەڭ بەختسىز ئادەممەن ! مەھەللەمنى ، ئىشىكىمىز ئالدىدىكى تۈگمەننى ئويلىمايدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق . مەن-ئۆلگەن ھۈجەيرە ، مەن – باشنىڭ كېپىكى » دېدى.

مانا بۇ «سەرسان روھ » تىكى پېرسوناژلار ئۈچۈن ئورتاق تەقدىر ، ئورتاق ئازاب . چەت ئەللەردە خىلمۇخىل سەۋەبلەر بىلەن يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ ، سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ قايسىبىرى ۋەتەنسىزلىك ئازابىنى تارتمايدۇ دەيسىز؟!

بۇ تېمىدا تېخى چوڭراق بىر ئەسەر يېزىلمىغانىدى ، تۇنجى بولۇپ يازغۇچى ئەخەت تۇردى «سەرسان روھ» بىلەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى .

«سەرسان روھ» – يالغۇز تېمىسى داڭلىق ئەسەر بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى مەزمۇنى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكى جەھەتتىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئەسەر. كەڭ ھايات كۆرۈنۈشلىرى – جۇڭگو ، پاكىستان ، ئەرەبىستان ، مىسىر تۇرمۇشى ، پېرسوناژلارنىڭ خاسلىقى ، تۇرمۇش يوللىرىنىڭ ئەگرى- توقايلىقى ، مۇساپىردىن تارتىپ پادىشاھقىچە بولغان ئادەملەر قاتلىمىنىڭ روھىي دۇنياسى… ئوقۇرمەنلەرگە تەربىيە ، زوق ۋە بىلىم بېرىدۇ؛ سۇژىت قۇرۇلمىسىدىكى دولقۇنسىمان چوڭ – كىچىك ۋەقەلەرنىڭ چىنلىقى ، قىزىقارلىقلىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ . پېرسوناژلارنىڭ كۆپ خىل خاراكتېر خاسلىقلىرىمۇ بىزگە قىزىق تۇيۇلىدۇ .

ئاپتور بۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ئىككى قېتىم چەتئەللەرگە بېرىپ ، نۇرغۇنلىغان «سەرسان روھ» ئىگىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتتە بولغان . ۋەتەننىڭ بىر سىقىم تۇپرىقى تۇتىيا بولغان ئادەملەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ، ئاخىرقى تىنىقىدا ئانا يۇرتىنى زىكىر قىلىپ جان ئۈزگەن مۇساپىرلار توغرىسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان…شۇڭا بۇ رومان تۇرمۇش چىنلىقىغا ، ھەم بەدىئىي چىنلىققا ئىگە بولغان .

«سەرسان روھ» تېمىسىنى يورۇتۇپ بېرىش – بىر جاپالىق مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ئەمگەك . تالانتلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىشلىرى ، بىباھا مېھنىتى ئارقىلىق ۋەتەن تېمىسىدا يېزىلغان بۇ روماننى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىپ ، ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە كاتتا ئىش قىلدى .

«سەرسان روھ» بىر گۈزەل روھقا -ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئوقۇلغان مەدھىيە كۈيى . بۇ رومان ئۆزىنىڭ ئالاھىدە قىممىتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدا يېزىلغان ئېسىل رومانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇسى.

زوردۇن سابىر

1998-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ، ئۈرۈمچى.

بۇئەسەر 2000-يىلى 12-نۆۋەتلىك «جۇڭگو كىتاپ مۇكاپاتى» غا ، 2002-يىلى مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى «تۇلپار مۇكاپاتى » غا 2004-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

بەخىتسىز سەئىدىيە بەخىتسىز سەئىدىيە

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. مدمەن بىرنى سېتىۋالاي

    • مەمەتېلىي
    • 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 6-كۈنى 13:21:00

    ببياخشى رومان

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.