سەئىدخان
سەئىدخان
ھاجى مىرزا كېرىمى ، ساۋۇت داۋۇت
باھاسى:17.80
1997-يىلى 10-ئاي1-نەشرى
1997-يىل 10-ئاي 1-بېسىلىشى
ISBN:97877105028764
مۇقەددىمە
كۈن غەربكە قىيسايغان چاغ . قەدىم شەھەر قەلئەسىنىڭ ئېگىز سېپىلىدىن خېلى يىراقتىكى كاھىشلىق چوڭ گۈمبەز ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى . ئۇنى چۆرىدىگەن چوڭ – كىچىك ئېتىكاپخانىلارنىڭ بەزى تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى . بۇ ئەتراپتىكى يېڭى قۇپۇرۇلغان ، كونىرىغان ، قىيسايغان ، ئۆڭتۈرۈلگەن ، سۇۋاقلىرى تۆكۈلگەن سان –ساناقسىز قەبرىلەر ھايات ئىنسانلارنى ماماتلىق دۇنياسىغا چاقىرىۋاتقاندەك سۈرلۈك كۆرۈنەتتى . يىمىرىلىپ ، ئاغزى ئېچىلىپ قالغان بەزى گۆرلەردە ئادەمنىڭ ”ھىجىيىپ“ تۇرغان باش سۆڭەكلىرى ، سارغىيىپ چىرىشكە باشلىغان ئىسكىلىتلەر كۆزگە تاشلىنىپ ۋەھىمە تارقىتاتتى . ئۇ يەر- بۇ يەرگە ئۈنۈپ قالغان يانتاق ، كۆك تىكەنلەر نېمە ئۈچۈندۇر كىشىنى مەيۈسلەندۈرەتتى . قەبرىستانلىقنىڭ سول تەرىپىدە شاخلاپ دۈپدۈگلەك بولۇپ كەتكەن بىر تۈپ رېدە دەرىخى بار ئىدى . ئۇنىڭ قارامتۇل سايىسى چۈشكەن كارۋان يولى يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان قۇم بارخانلىرىغا تۇتىشاتتى . كىشىلەرنىڭ ”جىننىڭ ئۇۋىسى“ دەپ ئاتىۋالغان بۇ ۋەھىمىلىك رېدىنىڭ تۈۋىگە كېلىشتىن قورقۇشاتتى .
ئاپتاپ چېقىپ چىم – چىم كۆرۈنگەن ئاشۇ قۇم بارخانلىرىنىڭ يېنىدا بىر تۈپ قاپاق تېرەك كۆككە بوي تارتقانىدى . ئۇنىڭ باراقسان شاىلىرى قۇشلارغا قونداق بولسا ، تۈۋەندىكى سايىسى يولۇچىلارغا ئارامگاھ ئىدى.
يېقىندىن بېرى بۇ يەردە جەندە – كۇلاھ كىيگەن بىر دەردمەن بۇۋاي پەيدا بولۇپ قالدى . ئۇ سەدىقە تىلىمەيتتى ، سايىدا ئولتۇرۇپ ساتار چالاتتى . كىشىلەر ئولىشىپ ئۇنىڭ مۇڭلۇق نەغمىسى تىڭشايتتى . ناماز ۋاقتى بولغاندا ئەرزان ئاۋازى ئىشتىپ ئاستا ئورنىدىن تۇرغان بۇۋاي ساتارىنى كۆتۈرۈپ ئېتىكاپخانىغا كىرىپ كېتەتتى . . نام – نەسەبىنى بىلگەچكىمۇ كىشىلەر ئۇنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى . بۈگۈنمۇ بۇۋاي ھەر كۈنكى ئادىتى بويىچە تېرەككە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ساتار چېلىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ كامانچىنى ساتارنىڭ تارلىرىغا ھەر قېتىم سۈركىگەندە چاڭ – توزان قونۇپ توپا رەڭ بولۇپ قالغان ئاق ساقاللىرى تىترەپ ، ئكسكىلەڭ قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ قالغان كۆزلىرى مىسكىن تۈس ئالاتتى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
سەئىدخان رومانىدىنمۇ بىرنى سېتۋالاي!