پۈتمەس سەترلەر
ئاپتورى:ئابدۇللا ساۋۇت
باھاسى:19.90
تىراژ : 1-6070
2000-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى
2000-يىلى 4-ئاي 1-بېسىلىشى
ISBN:7537136866
مۇقەددىمە
شۇنچە ئىسسىق بولۇۋاتقىنىغا قارىماي پەرھات ئىشىك – دېرىزىلەرنى ھىم ئېتىپ قويغانىدى . بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان تاماكا ئىسى چىقىپ كېتىدىغان يەر تاپالماي تورۇس ئاستىدا – تار بوشلۇقتا تېناپ – ئەگىپ يۈرەتتى . پەرھات كىتابتىن باش كۈتۈرمەيتتى ، قوللىرى بولسا تنىماي ھەركەتلىنەتتى ، يەنە تاماكا قېپىدىن پىلتىرلىق تاماكىنى بىردىن – بىردىن سۇغۇرۋالاتتى . كالپۇكىغا قىستۇراتتى ، سەرەڭگە ياقاتتى ، تاماكا ھەش – پەش دېگۈچە چېكىلىپ كۈيۈپ تۈگەيتتى . قوللار شۇ ھامان يەنە ھەرىكەتكە كېلەتتى ، بۇ قوللار كۆنگەن ، ئادەتلەنگەن قوللار ئىدى ، ئۇ قارىمىسىمۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىپ – چۈشىنىپ ئادا قىلاتتى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق