يۇلتۇز ئەپسانىسى
ئاپتورى:ئابدۇللا ساۋۇت
باھاسى:22.80
1999-يىل 4-ئاي 1-نەشرى
1999-يىل 4-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-6000
ISBN:7537133255
مۇقەددىمە
– مەككىنىڭ رودۇپىيى دېسە ، قانداق نېمىكىن دەپتىكەنمەن ، ئەسلىدە سەن ئىكەنسەن – دە!
پىدا تاق تۇرۇپ قالدى ، ئوسمان تالىپنىڭ پۇلتىيىپ چىققان كۆزلىرىدە قەھرلىك بىر ئۇچقۇن يېلىنجايتتى ، ئۇ ئوڭ پۇتىنى پۇتىنى پەلەمپەينىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ئېلىۋېتىپ يەنە زەردە بىلەن ۋارقىرىدى :
– ماڭ! كەت ئاداش ! ئادەمگە يىلىمدەك چاپلىشىۋالما ! ئەتىگەندىن بېرى بىكار يۈرگىنىم يوق ، تۆۋەنگە چۈشتۈم ، يىغىن ئاچتىم ، خىزمەتلەرنى تەكشۈردۈم ، ئېتىز – ئېرىقلارنى ئارىلىدىم. دېمەك ، مەن ئىشلىدىم خىزمەت قىلدىم ، ئەمدى بولسا ھاردىم ، تالدىم ، ئاچتىم . بۈگۈن شەنبە ، شېكەر شەنبە ، ئەتىچۇ ، ئەتە ناۋاتتەك يەكشەنبە . بۇنداق كۈندە ئادەم دېگەن ئوينايدۇ ، كۈلىدۇ ، ياشايدۇ . قانداق ؟ مەنمۇ ئادەم ، ئوينايمەن ، ياشايمەن ، بىلدىڭمۇ ؟!
ئوسمان تالىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . پىدا قاققان قوزۇقتەك ئورنىدىن مىدىرلىماي تۇراتتى ، كۈزنىڭ سوغۇق ، ئىزغىن شامىلى ئۇنىڭ قويۇق ساقال – بۇرۇتىنى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتمەكتە ئىدى . چوڭ قورۇنى ئوراپ تۇرغان قاتار تېرەكلەردىن تۆكۈلۈۋاتقان غازاڭلار شىلدىرلاپ نەرگىدۇر ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ، نېمىنىدۇر سىيپاپ ئۆتۈپ ، كۆكتىكى كۈل رەڭ تۇمانغا سىڭىپ غايىب بولغاندەك تۇيۇلدى . سوغۇقمۇ ، ئىسسىقمۇ تەسىر قىلمايدىغان يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى ئادەم قارىغۇسىز دەرىجىدە قاپقارا قاسماق ، مەينەت ئىدى . …
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق