ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە

ئاپتورى:خېۋىر تۆمۈر

2007-يىل11-ئاي1-نەشرى

2010-يىل8-ئاي3بېسىلىشى

تىراژى:12000-8001

ISBN 9787228112944

باھاسى:24.00

ئاپتوردىن

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان غايەت ئۇزۇن تىللار شىنجاڭنى قاراڭغۇلۇق- جاھالەت قاپلىغان ۋاقىتلار ئىدى . سىياسىي تۈزۈمدە مۇستەبىتلىك ، دىنىي ئېتىقادتا خۇراپاتلىق ، بىدئەت ئەۋج ئالدى . خەلق خارزەبۇنلۇققا ، مىللەت زاۋاللىققا يۈزلەندى .خەلق تۇرمۇشى كەمبەغەللىككە ، مەنىۋى ھايات قورقۇنچلۇق تەقدىرگە دۇچ كەلدى .

قاراڭغۇلۇقتا قالغانلار يورۇقلۇققا ، ھالاكەتلىك تەقدىرگە دۇچ كەلگەنلەر ھاياتلىققا تەقەززا بولغاندەك ، شۇ يىللاردا مىللەت ماددىي جەھەتتىكى قاششاقلىقتىن تەرەققىياتقا ، مەنىۋى قەھەتچىلىكتىن مەرىپەتكە تەقەززا بولدى.

بۇ دەۋر تەرەققىياتنىڭ جىددىي تەلىپى ئىدى . بۇنى پەقەت زامانىۋى يېڭىچە مائارىپ يولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولاتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن ئېتىبارەن ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا پەننىي دەرسلىكلەرنى ئاساس قىلغان يېڭىچە (جەدىتىي) مەكتەپلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك بىخ يېرىشقا باشلىدى . 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ، بولۇپمۇ شىنخەي ئىنقىلابى يىللىرىدىكى ئومۇمىي ئويغىنىش دەۋرىدە زامانىۋى ئوقۇش – ئوقۇتۇشتا بولغان ئېھتىياج كۈچەيگەنلىكتىن ، يېڭىچە مەكتەپ سان جەھەتتە كۆپىيىپلا قالماستىن ، سۈپەت جەھەتتىمۇ يۈكسەلدى . قەشقەر ،غۇلجا ، تۇرپاننى مەركەز قىلغان مەرىپەتچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە چەتئەللەردىن ئوقۇتقۇچى ، زىيالىيلارنى تەكلىپ قىلىپ ، ئوقۇتۇش ساپاسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈردى ۋە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ ، دەۋر ئېھتىياجىنى قامداشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشتى .

ئەپسۇسكى ، بۇ يارقىن مەرىپەتچىلىك ئۆز تەرەققىياتىدا تارىخىي ، ئىجتىمائىي ، سىياسىي چەكلىمىلەر ۋە توسقۇنلۇقلاردىن خالىي بولالمىدى .

توسقۇنلۇق ئالدى بىلەن سىياسىي ھاكىمىيەتتىن كېلەتتى:شۇ دەۋردىكى سىياسىي ھاكىمىيەت خەلقنى جاھالەت -نادانلىقتا قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكتىن ، خەلقنىڭ ئويغىنىشى ، ئىلىم – بىلىم ئېلىپ دۇنياغا كۆز ئىچىشنى ياقتۇرمايتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىچە مىللىي مائارىپقا چىش-تىرنىقىغىچە قارىشى تۇردى ، بولۇپمۇ ئىستىبدات ياڭ زېشىن دەۋرىدە توسقۇنلۇق چېكىدىن ئاشتى . ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھەر قايسى جايلاردا قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنى تاقاتتى . ئاخىردا تېخىمۇ ئەشەددىيلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېلان چىقىرىپ ، مەكتەپلەرنى ياپتۇرغاندىن تاشقىرى ، ئوقۇتقۇچىلارنى ، مەرىپەتپەرۋەر زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلدى ۋە سۈرگۈنگە ھەيدىدى. ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بەزى ئوقۇتقۇچىلارنى قەپەسكە سولاپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئالدۇرۇش چارىسى بىلەن يول بويى شەھەر-شەھەردە سازايى قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ۋىلايەت ، ناھىيىلەردە شۆتاڭ(مەكتەپ) لارنى قۇرۇپ ، ئوقۇغۇڭلار كەلسە ھەممىڭلار شۆتاڭدا ئوقۇڭلار ، دەپ يېڭىچە مىللىي مىللىي مائارىپنى چەكلىدى .

توسقۇنلۇقنىڭ ئىككىنچىسى دىنىي مۇتەئەسسىپلەردىن كەلدى :دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان بىر تۈركۈم بىدئەتچىلەر ، خۇراپاتلىققا پاتقان روھانىيلار ، ئىشان-سوپىلار يېڭىچە پەننىي مائارىپقا جان -جەھلى بىلەن قارىشى تۇرۇپ ، تۈرلۈك يوللار بىلەن توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار قانداقتۇر «ئۇسۇلى جەدىد ھارام ، ئۇنى ئوقۇش دەھرىيلىك» دەيدىغان ئىغۋا خاراكتېرلىك ئاساسسىز بوھتانلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، يېڭىچە مائارىپقا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ئىستىبدات سىياسىي ھاكىمىيەتكە قولچوماق بولدى.

چەت ئەل مۇخالىپەتچىلىرىمۇ بىزنىڭ ئويغىنىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ياۋۇز كۈچ ئىدى . چۈنكى ، ئۇلار ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە پايدا تېپىش ئۈچۈن غەپلەتتە ياتقان نادان ئەلنىڭ داۋاملىق نادان بولۇشىنى خالايتتى.

يۇقىرىقى ئۈچ خىل توسقۇنلۇق ئىچىدىن يول ئىچىپ ماڭغۇچى ئوت يۈرەك مەرىپەتچىلەر يېڭىچە مائارىپنى يولغا قۇيۇش يولىدا مىسلىسىز غەيرەت – شىجائەت كۆرسىتىپ ، قەھرىمانلارچە ئالغا باستى . تۈرمە ۋە زەنجىر -كىشەنلەردىن قورقمىدى ، ھەتتا بۇ يولدا ئەزىز جانلىرىنى ئايىماي ، پىداكارلارچە قۇربان بولدى . بۇ خىل ھايات – ماماتلىق كۈرەش بولۇپمۇ قەشقەردە ماتىتەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە كەسكىنلىشىپ چېكىگە يەتتى. ئۈرۈمچىدە تۆمۈر خەلپىگە سۇيىقەست قىلىشتا خىزمەت كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭ بەدىلىگە قەشقەرگە تىتەي بولۇپ كەلگەن ما فۇشىڭ بىر قولدا سىياسىي ھاكىمىيەت ، بىر قولدا دىنىي مەزھەپچىلىكنى تۇتۇپ ، خەلققە دەھشەتلىك زۇلۇم سالدى . ئەيش – ئىشرەت ، كەيپ – ساپاغا بېرىلدى . دىنىي مۇتەئەسسىپلەرنى قوللاپ ، خۇراپاتلىققا يول قۇيۇپ ، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولغان مىللىي مائارىپقا چىش – تىرنىقىغىچە قارشى تۇردى.

مەرىپەتچىلىك توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، مىللىي مائارىپ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان دەل شۇ يىللاردا مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرىي ھىجرەتتىن ئەزىز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ بۇ قېتىم قايتىشىدا مىسىر، ئىستانبۇل ، بۇخارا ، تاشكەنت ئالىملىرىدىن «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ ، ئۇنى ئۇقۇش زۆرۈر» دېگەن پەتىۋانى ئېلىپ كېلىپ ، مەرتچىلىك ۋە ئىسلاھاتچىلىق بىلەن كەڭ شۇغۇللاندى . ئۇنىڭ يولى، مەسلىكى توغرا ئىدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ، ئەمەلىي ئېھتىياج تەلىپىگە باب كېلەتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاچقان يول ناھايىتى تېزلىكتە شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئايلاندى . ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەشۋىق-تەرغىباتى ئارقىلىق مىللىي ھاياتىمىزنىڭ كۈشەندىسى بولۇپ كەلگەن ئىچكى – تاشقى دۈشمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھىيلە -مىكىرلىرى رەھىمسىزلەرچە پاش قىلىندى ، شۇنداقلا ئۇلارغا قارىشى چارە-تەدبىر ئويلاپ تېپىلىشقا باشلىدى .بولۇپمۇ ئابدۇقادىر داموللا ۋە ئۇنىڭ مەسلەكداشلىرى پىداكارلىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ، چەت ئەل مۇخالىپەتچىلىرىگە ، ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە ، دىنىي خۇراپاتلىققا قارىشى تۇردى . بۇ خىل ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەتتىن شۇ زاماندا ھاكىمىيەت ، چەت ئەل مۇخالىپەتچىلىرى، بىر قىسىم بايلار ۋە دىنىي مۇتەئەسىپلەر ئالاقزادە بولۇپ، غەم – ئەندىشىگە چۈشتى . ئاخىر بۇ قارا كۈچلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەرىپەتچىلىك ۋە ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىگە قارىشى تۇرۇش يۈزىسىدىن سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرۇپ مەرىپەتپەرۋەر ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرىيىنى شېھىت قىلدى .

قىسسىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.