ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلار قامۇسى

ئاپتورى:ئۇچقۇنجان ئۆمەر

باھاسى:160.00

مۇئەللىپتىن بىر نەچچە كەلمە سۆز

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ، مول مەدەنىيەتكە ، قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى . ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ پارلاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە ، ئۇيغۇر خەلقىمۇ باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، تۈرلۈك تارىخى دەۋرلەردە ، نۇرغۇن جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان . بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ مول مەدەنىيەت ، تارىخ خەزىنىسىنى بېيىتىشقا كاتتا تۆھپىلەرنى قوشقان . ئاشۇنداق تۆھپىلەرنىڭ بىرى – ئۇيغۇر فولكلوردۇر ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدۇر.

ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى _ ئەمگەكچان ، باتۇر ، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوللېكتىپ ئىجاد قىلغان ، ئېغىزدىن – ئېغىزغا ، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ، زاماندىن – زامانغا كۆچۈپ ، ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن قوشاقلار بولۇپ ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك كونكرېت ۋەقە ، كونكرېت ئۆرۈپ – ئادەت، كونكرېت ھادىسە، كونكرېت غەلىبە مۇۋەپپەقىيەت، كونكرېت تراگېدىيە ئاتاقلىق تارىخى شەخسلەرگە بېغىشلانغان قوشاقلاردۇر . ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى ئۇيغۇر مىللىي مىللىي روھىنىڭ ئەنئەنىسى ھەم ئىزچىللىقى دېمەكتۇر . ئۇ لىرىكىنىڭ ئەڭ ساپ ، ئەڭ يېنىك ،ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ يارقىن شەكىللىرى ئارقىلىق بايان قىلغان بەدىئىي تارىختۇر ، ياكى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك شاھىتى-گۇۋاھچىسىدۇر. شۇڭا، بۇ قوشاقلار ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ، ئاۋام مەدەنىيىتىنى ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى ، ئەنئەنە ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشتىلا ئەمەس ، بەلكى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ، شانلىق بىر پۈتۈن تارىخىنى چۈشىنىش ، تەتقىق قىلىشتىمۇ كاتتا ئەھمىيەتكە ئىگە .

ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى پۈتمەس-تۈگىمەس بىر خەزىنە . بۇ خەزىنە ئىچىدە مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرغان ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى تېخىمۇ جەلپكار ئېسىل بايلىق . يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ، بۇ ساھەدىكى قېزىپ توپلاش -رەتلەش ، شەرھىيسىنى ئىشلەش، نەشرگە تەييارلاش ئىشلاردا ئالەمشۇمۇل نەتىجە- مۇۋەپپەقىيەتلەر قۇلغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ،ھەممىسى تاماملاندى دېيىشكە ئاجىزمىز. قوشاقلار تەتقىقاتى جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلار ۋە ئوتتۇرىغا چىققان ئىنچىكە نازۇك مۇھىم ماتېرىياللار ۋاقىت جەھەتتە ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقى ئۈچۈن ، ماتېرىيال مەنبەسى تارقاق ، نازۇك تەرەپلەرگە چېتىشلىقى كۆپ ، رەتلىنىپ ئىلمىي سىستېمىغا سېلىنىشى ۋە بىر رامكا ئاستىدا مۇجەسسەم قىلىنىشى ئاجىز بولدى . بۇ خىل كونكرېت ئەھۋال مەزكۇر ماتېرىياللار مەزمۇنى ، تۈرى، شەكلى، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ، ئەھمىيىتى ، قىممىتى ۋە خەلقئارا تەسىرى بۇيىچە سامان ئىچىدە دان تاللىۋالغاندەك، قۇم ئىچىدىن ئالتۇن تاسقىغاندەك روھ بىلەن ئىشلەپ ، مۇئەييەن قوشاقلار كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ ، مۇئەييەن سىستېما -تۈرگە ئايرىپ، كەم يەرلىرىنى قايتىدىن تولۇقلاپ ، نۇقسانلىرىنى تۈزىتىپ، ئۆلچەملەشكەن بىر پۈتۈن تارىخىي قوشاقلار قامۇسى قىلىپ ئىشلەپ ، كەڭ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش تەقەززاسىنى تۇغدۇرغانىدى. مانا مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا كەمىنە مۇشۇنداق چوڭ ئىشقا بەل باغلاپ قالدىم . ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، مەن يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى فولكلور تەتقىقاتى ۋە ئىجابىي ، سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبە- ساۋاقلىرىمغا ئاساسەن ،ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ، ئۆزۈم بىۋاسىتە يېقىن مۇناسىۋەت قىلىدىغان مەرھۇم ئەھمەد زىيائىي ، ئىمىر ھۈسەيىن قازىھاجى ، سەيپىدىن ئەزىزى ، تېيىپجان ئېليوف ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئابدۇكېرەم خوجا ، ساۋدانوپ زاھىر ، ئەلقەم ئەختەم ، سەيپۇللايوف ، ئابلىز نازىرى ، قۇربان ئىمىن ، زوردۇن سابىر ، قەييۇم تۇردى، خەمىت تۆمۈر ، ھاجى نۇرھاجى، ھامىت مەھمۇدى ، شەرىپىدىن ئۆمەر ، ئابدۇرېشىت ئىسلامى ، ئىبراھىم نىياز ، تېيىپجان ھادى ، تۇردى سامساق ، ئەرشىدىن تاتلىق نۇرمۇھەممەت ئەركى ئابدۇللا تالىپ ، پەرھاتجان مۇھەممىدى ، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا ، مەمتىمىن يۈسۈپ ، مۇھەممەتئېلى ھاۋازى ، ئەيسا شاكىر، تۇرسۇن زىرىدىن، مۇھەممەتئىمىن قۇربانى ، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، ئارسلان ، مەخمۇتجان ئىسلام ، قاتارلىق ئۇستاز ھايات ۋاقتىدا شەخسەن ئۆزى ماڭا تاپىلىغان گەپ- سۆزلىرى ، تەلىمى سۆھبەتلىرى ، ئۈمىدى ، تەۋسىيەلىرىنىڭ قايتىدىن سەگىتىشى ۋە نۇرلاندۇرۇشى بىلەن؛ ئىبراھىم مۇتىئى ،ئابدۇشۈكۈر تۇردى، مىرسۇلتان ئوسمانوف، مۇھەممەت ئوسمان ھاجى ، غەنىزات غەيۇرانى، مەخمۇت زەئىدى، …… قاتارلىق ئۇيغۇر فولكلورى بىلەن ئوزۇن مۇددەت ئىزچىل شۇغۇللانغان مۇتەخەسسىس، كەسىپداشلارنىڭ ئىلھام ، مەدەت بېرىشى ۋە ئۆز جايلىرىدا تۇرۇپ كېرەكلىك ماتېرىيال تەمىنلەپ ، ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ يىڭى ، جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكنى روياپقا چىقاردىم . بۇ كىتاب مەنەڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تېرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىم ۋە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەنلىكىنىڭ مەسىلىدۇر . بۇ كىتاب ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سۇنماس قانىتى بولغان ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى تۈرى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش ، يورۇقلۇققا چىقىرىش ۋارىسلىق قىلىش ، قوغداش ، پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇش خىزمىتىدە ۋە ئىلىم – پەن تەتقىقاتى جەھەتتە كەڭ جامائەتنىڭ ۋە زامانداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، مەن ئوزۇن يىللار بۇ كىتابنى ئىشلەش جەريانىدا دۇچ كەلگەن ۋە ھېس قىلغان تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئالاھىدە ئىزاھلاپ ئۆتىمەن:

1.بۇندىن 30يىل بۇرۇن يەنى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا مەن توپلاپ رەتلىگەن «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلار قامۇسى»،«ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىلىرى » ناملىق كىتابلار ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ ، كەڭ جامائەتنىڭ سۆيۈپ ئۇقۇشىغا ئېرىشكەنىدى لېكىن ، لىن بىياۋ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئەمدىلا تارمار قىلىنغان ، ئىدىيە ئازادلىقى تۇلۇق يولغا قۇيۇلمىغان ئەنە شۇ ئۆتكۈنچى شارائىتتا ، سىياسىي ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەن تەييارلىغان خېلى زور بىر قىسىم تارىخى قوشاقلار بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلمەي قالدۇرۇپ قۇيۇلغان ، بىر قىسىملىرى باشقىلارنىڭ«دۈملەپ» قايتا «دورا» سېلىپ ، ئىش قوشۇشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «خېمىر تۇرۇچ» ىغا ئايلىنىپ قالغان . ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى بۇ تولۇق نۇسخىسىنى ئىشلەش جەريانىدا قالدۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ قوشاقلار كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ ، تېما دائىرىسى قايتا تولۇقلاندى ھەمدە بۇ ئەجىر ئەمگەك ئاخىر ئۆز ئىگىسىنى تاپتى.

ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلۇۋاتقان بۇ تۇلۇق نۇسخا 4 بۆلۈم 14قىسىم 300گە يېقىن تېما دىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، 20ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بولغان بارلىق تارىخىي خاراكتېر ئالغان تارىخى قوشاقلار تاللاپ كىرگۈزۈلدى . شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرىنىڭ بىرقەدەر تۇلۇق ، مۇكەممەل نۇسخىسىنىڭ 60يىلدىن كىيىن جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىگە يول ئېچىلدى ، كىتاب ھەجمى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىستۇرما رەسىملەرنى قوشۇشقا مۇمكىنچىلىك بولمىدى . ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىنى سورايمەن.

2.بۇ قامۇستا باشتىن ئاخىر ماركسىزم-لېنىنىزملىق ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق نۇقتىئىنەزەر بويىچە ، سىنىپىي تەھلىل ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ دەۋردىكى شۇ تارىخى تېمىنىڭ شۇ جەمئىيەتتە قايسى سىنىپ، قايسى تەبىقىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىلدى . شۇ تېمىنىڭ ئۆز زامانىسىدا قانداق ئەھمىيەتلىك بۇلىغانلىقى ، ھازىرقى زامان ئۈچۈن جەمئىيەت ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم رولى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى بارلىقى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرىلىپ، بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ ئالدى ئىلىندى . ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش غايىسى چىڭ بىرىكتۈرۈشكە ئەجىر قىلىندى.

3.قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى مەزمۇن، شەكىل ، ھەجىم جەھەتتە قايتا تولۇقلىنىپ ، تېما دائىرىسى كېڭەيتىلدى . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ، چاغاتاي تىلى ، ئەرەب – پارىس تىلى نۇسخىلىرىدىكى قوشاقلار تۈرلۈك مەتبۇئاتلارغا ئېلان قىلىنغان نۇسخىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، قايتا تەرتىپكە تۇرغۇزۇلدى . ئىمىن تۇرسۇن شەرىپىدىن ئۆمەر ، تۇرسۇن ئايۇپ…قاتارلىق ئالىم ، يازغۇچى ، تەتقىقاتچىلىرىمىز تەرجىمە قىلىپ ، تەييارلاپ ئېلان قىلغان نۇسخىلار ئاساسىي نۇسخا قىلىنىپ ، باشقا نۇسخىلار بىلەن بىردەكلىك ساقلاندى .

4.قامۇسقا بىر قىسىم داڭلىق بىر قىسىم خەلق قوشاقچىلىرى ۋە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ بىر قىسىم تارىخىي قوشاقلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى. ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىلىرىنىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردە ئېلان قىلىنغان قوشاقلار ئىچىدە ئىجتىمائىي ، تارىخىي خاراكتېر ئالغان قوشاقلىرى خېلى زور كۈلۈمنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، ئۇلار خەلق قەلبىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان . شۇڭا، ئۇلارنىڭ قوشاقلىرى ئىچىدىكى نۇرغۇن تارىخىي مەزمۇنلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، پۈتكۈل تارىخ قوشاقلارنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىغان ، بېيىتقان . مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي تېمىلىرىنى كىتاب سىرتىدا قالدۇرۇشقا ئەسلا بولمايدۇ .يەنە ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ئىچىدە مۇستەقىل خاسلىققا ئىگە بولغان ، ئۆزگىچە مەزمۇن ۋە ئۆزگىچە تىل ، جۇغراپىيىلىك تەلەپپۇز ئالاھىدىلىكى بار يەرلىك تارىخىي قوشاقلارمۇ خېلى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ . بۇ قوشاقلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى خەزىنىسىدە بەلگىلىك ئورنى ، سالمىقى بار ، تارىخىي قوشاقلارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسىنى ئۇلاردىن ئايرىۋېتىشتە بولمايدۇ . شۇڭلاشقا بۇ قوشاقلارمۇ ئالاھىدە كىرگۈزۈلدى.

5. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ئارىسىدا ئاشىق -مەشۇقلار ھەققىدىكى قوشاقلارمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ قوشاقلار گەرچە تارىخىي تېما نۇقتىسىدىن ئىلگىرى ئايرىم رومان ، ھېكايە ، پوۋېست ، كىنو ، دراما ، داستان قاتارلىق شەكىللەردە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىرى قىسقا ۋە جىمدە، قوشاق شەكلى بىلەن ئامما ئارىسىدا تا بۈگۈنكى كۈنگىچە تارقىلىپ يۈرمەكتە . بۇ قوشاقلار تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، يەنىلا تارىخى قوشاقلار كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ.«غېرىب-سەنەم»،«تاھىر زۆھرە» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر ، ئۇلار ئۆتكەنكى فېئوداللىق جەمئىيەتكە بىلدۈرۈلگەن نارازىلىق ۋە قارشىلىقنىڭ نامايەندىسىدۇر. شۇڭا يېقىنقى زاماندا خەلق ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ ئومۇملىشىپ كەتكەن ، سىياسىي ، سىنىپىي خاھىشچانلىقى كۈچلۈك ، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى يۇقىرى بولغان بۇ قوشاقلارمۇ تاللاپ كىرگۈزۈلدى .

6. بۇ قامۇسقا تارىخىي قوشاقلارنىڭ ئۆلچەم -مىزانى بۇيىچە ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى بېسىپ ئۆتكەن ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى بارلىق تارىخىي قوشاقلار شۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەن قوشاقلار بولۇش سۈپىتى بىلەن تاللاپ كىرگۈزۈلدى . تارىختىكى بۈيۈك نامايەندىلەر ، زور تارىخىي ۋەقەلەر ، تارىخىي ھادىسىلەر ، ئاتاقلىق تارىخىي شەخسلەرگە ئائىت قوشاقلار قامۇسىنىڭ يادرولۇق بۆلىكىنى تەشكىل قىلدى . ئەپيۈن ئۇرۇشى، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى – كەينىدە بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 30-40يىللىرى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قوشاقلاردىن تارىخىي ، سىياسىي قوشاقلارنىڭ ۋەكىللىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى ، ھەممىسىلا قارىقويۇق كىرگۈزۈلمىدى ، شۇڭا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ئىچىدە مەھەللىمۇ مەھەللە ، يۇرتمۇ يۇرت تارقىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ھەجۋىي قوشاقلار بار ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دائىر قوشاقلار ئۆرۈپ -ئادەت ، ھېيت – مۇراسىم ،مەۋسۇمغا دائىر قوشاقلارمۇ بار . ئۇلارمۇ تېگى-تەكتىدىن تارىخىي قوشاقلار كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ . بۇ قوشاقلارمۇ ناھايىتى ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە . بۇ قامۇسقا شۇ قوشاقلارنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان ، ئېتنوگرافىيە خاراكتېرىنى ئالغان ، ئەڭ تەربىۋىي ئەھمىيىتى ۋە ئەڭ كۆڭۈل ئېچىش قىممىتى بار قوشاقلار تاللاپ كىرگۈزۈلدى. كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرىقى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

7. ئىلگىرىكى تۇنجى نۇسخىغا ئوخشاشلا، بۇ تۇلۇق نۇسخىدا ، ھەر بىر بۆلۈم ، ھەر بىر قىسىم ، ھە بىر تېما دىكى قوشاقلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلىپ ، قوشاقلار گۈلزارىدىكى مىليونلىغان مىسرا – كۇپلېت قوشاقلار ئارىسىدا جۇلالاپ تۇرغان ، ئۇيغۇر تارىخىدا ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان تارىخىي قوشاقلار ئەستايىدىل ، بىرمۇبىر تاللاپ كىرگۈزۈلدى . شۇ تېما دىكى قوشاقنىڭ مەيدانغا كەلگەن تارىخىي شارائىتى ، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ، قوشاقنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ، تارقىلىش دائىرىسى ، ئىجتىمائىي ، رېئال ئەھمىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا شەرھ يېزىلدى . نۇقتىلىق مەزمۇنلارغا نۇقتىلىق شەرھ يېزىلىپ ، پۈتكۈل قوشاقلارنىڭ ئېغىرلىق نۇقتىلىرى مۇناسىپ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت بايان ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، تارىخىي قوشاقلارغا بولغان تونۇش ، چۈشەنچىلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

8. ھەربىر تارىخىي تېما ، ماۋزۇغا ياتىدىغان قوشاقلار تېكىستلىرى بۇرۇنقى شۇ خىل ماۋزۇ ، شۇ خىل تېمىدىكى نەچچە ئون خىل قوشاقلار بىلەن بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ ،تېما(باب)،ماۋزۇلارنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىپ ، ئۆلچەملەشتۈرۈلدى.ئالىي مەكتەپ،ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىكى تېكىست نۇسخىسىنىڭ تۇلۇق،ئەتراپلىق،خاتاسىز،ئۆلچەملىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.ھەرقايسى جايلاردا، ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا بۇرۇن ئېلان قىلىنىپ كەتكەن بەزى تېما(باب)،مەزى ماۋزۇ، بەزى قوشاقلاردىكى ئايرىم كۇپلېت، مىسرالار مەزمۇن،پىكىر،گرامماتىكا،ئىملا ،ھەجىم جەھەتتىن خاتا بولۇپ قېلىپ،قىسمەن نۇقسانلار ساقلانغان.سوراش ،ئېيتىپ بېرىش ، توپلاش رەتلەش، كۆچۈرۈش،تەھرىرلەش،نەشر قىلىش ئۆتكەللىرىدە ئايرىم مەزمۇنلار ئۆزگىرىپ كەتكەن، بۇ قېتىم شۇ تارىخىي قوشاقلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا ئاساسەن، قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇلۇپ،كۆرۈلگەن نۇقسان-كەمتۈكلۈك تۈگىتىلىپ ،رەسمىي قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئالمىشىپ قالغان ،چۈشۈپ قالغان ،قوشۇلۇپ قالغان كۇپلېت ، مىسرالار ئەسلىدىكى ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئالمىشىپ قالغان ، چۈشۈپ قالغان، قوشۇلۇپ قالغان كۇپلېت ، مىسرالار ئەسلىدىكى ئۆز ئورنىغا كەلتۈرۈلۈپ، قايسى تېما،قايسى مەزمۇندىكى قوشاق بولسا، شۇ تېما، شۇ مەزمۇنىدىكى قوشاقلار سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ،شۇ تېمىنىڭ تېكىستى تۇراقلاشتۇرۇلدى.«ئۆز ئەينىگە سادىق بولۇش »پرىنسىپى بۇيىچە،مەزمۇن ئەينەن ئېلىنىپ،چۈشىنىكسىز،مەنىسىز سۆز جۈملىلەرگە ۋە خەنزۇچە،ئەرەبچە رۇسچە،پارسچە سۆز-ئاتالغۇلارغا قايتا ئىزاھات ئىشلىنىپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىر پۈتۈن چۈشىنىپ ئېگىلىشىگە ئاسانلىق يارىتىلدى.

9. مەزمۇنى، ئۇسلۇب -شەكلى ، ۋەزىن قۇرۇلۇشى ئوخشىمايدىغان بەزى قوشاقلار بۇرۇنقى نۇسخىلاردا ئوخشاشلىقى بولمىغان يەنە بىر تۈركۈم قوشاقلارنىڭ ئارىسىغا ياكى ئاخىرقىسىغا كىرگۈزۈلۈپ قۇيۇلغان . بۇ قېتىم ھەممىسى ئۆز ئورنىغا كەلتۈرۈلدى . ھە بىر تېما ئىچىدىكى چوڭ – كىچىك بۆلەكلەر ، ئابزاسلار ئېنىق ئاجرىتىلىپ ئەڭ ئاخىرقى مەزمۇن پۈتۈنلۈكى ساقلاپ قېلىنىپ ، ئىلمىي توغرا ، ئەتراپلىق ، مۇكەممەل بولۇشى ئاساس قىلىندى ،

10.بىر قىسىم تارىخى قوشاقلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلغان شەخسىي ئاپتورى بولۇشى مۇمكىن ، لېكىن بىزگە نامەلۇم .بۇ قوشاقلار يىك ، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلق نامىغا قوشۇلۇپ كېتىپ ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بايلىقىغا ئايلانغان . بۇ خىل ئالاھىدە ئەھۋاللار نەزەرگە ئېلىنىپ ، شۇ دائىرە ، شۇ تېما ئاخىرىسىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىش – ئىزاھات بېرىلىپ ، ئېنىقلىق دەرىجىسى كۈچەيتىلدى . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تارىخىدا جاھاندا مەشھۇر ۋە ئالىي ھۆرمەت -نوپۇزغا ئىگە بىر قىسىم داڭلىق نامايەندىلەر ئۆتكەن . ئۇلار ئۆزى يازغان ياكى ئۆزلىرى توغرۇلۇق خەلق ئىجاد قىلغان قوشاقلار تارىخىنىڭ تۈرلۈك بوران- چاپقۇنلىرىدا خاتىرىگە پۈتۈلمەي يۇقۇلۇپ كەتكەن . بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يۈزىسىدىن فارابى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەلىشىر ناۋايى، ئاماننىساخان قاتارلىقلارنىڭ نەزملىرىدىن تاللاپ نەمۇنىلەر بېرىلدى . گەرچە بۇ نەزملەر شەكىل جەھەتتىن قوشاق بولمىسىمۇ ، لېكىن ، ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى بۇ زاتلارنىڭ ئەدەبىي پارچە، نەزم – تەۋەررۈكلىرى سۈپىتىدە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ . شۇڭا بىر پۈتۈن ئومۇمىي نۇقتىدىن باغلاپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

11.بۇ قامۇسنى تەييارلاش جەريانىدا پايدىلانغان ماتېرىياللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ . بۇ كىتاب ، ماتېرىياللارنىڭ بەزىلىرى دۆلىتىمىز ئىچىدە ، بەزىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئەللەردە نەشر قىلىنغان . ئوخشاش بولمىغان تىل -يېزىقلاردا ئېلان قىلىنغان . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،«ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاساس ، چەتنىڭكىنى قوشۇمچە »قىلىپ ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ، قوشاقلارنىڭ ئەينەن ، توغرا، ئېنىق ، ئوبيېكتىپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

12. تەكرارلايمەنكى ، بۇ قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن قوشاقلار 300گە يېقىن تارىخىي تېما ، باب ماۋزۇلارغا ئايرىلغان ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بۇ 300نەچچە رومان ، 300نەچچە كىنو ياكى 300نەچچە دراما-ئوپېرا بولغىنىدەك خەزىنە بولۇشى مومكىن دېگەن سۆز . قامۇسنىڭ ئومۇمىي ھەجمى ، ھەربىر بۆلۈم ، ھەربىر قىسىم ، ھەربىر باب ، ھەربىر تېمىنىڭ ھەجمى ، سىياسىي خاھىشى ئىلمىيلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، ھەربىر قىسىم ، ھەربىر باب ، ھەربىر تېما شۇ بۆلۈم ، شۇ قىسىم ، شۇ بابتا قىسقىچە بايان ئارقىلىق شەرھلەندى . بۇ چۈشەندۈرۈش ، شەرھ- ماتېرىياللار نەچچە خىل نۇسخىدىكى نەچچە يۈزلىگەن كىتاب -ماتېرىياللارنى كۆرۈپ ، پايدىلىنىش ئاساسىدا ، نازۇك شەرت، ئۆلچەملەر بۇيىچە يېزىپ چىقىلدى . بۇ تونۇشتۇرۇش ، شەرھ – مەلۇماتلار گەرچە كىتابنىڭ ئومۇمىي ھەجمى سەۋەبىدىن قىسقا ، ئاددىيراق بولسىمۇ ،لېكىن ، شۇ تارىخىي تېما ، شۇ تارىخىي ھادىسىنىڭ يىپ ئۇچى بولالايدۇ . مەشھۇر ئەدىب جىبران خەلىل جىبرانى :«ئۆتكەن دەۋرنى خاتىرىلەشكە ئادەم چىقمىسا ، كەلگۈسىدىكى دەۋرنى كېيىنكى كىشىلەرمۇ خاتىرلىيەلمەيدۇ » دەپ كۆرسەتكەنىدى . ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كېڭەيتىپ يېزىشىنى ، تولۇقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

«ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى» مىراس كىتاب ، بىر قامۇس كىتاب بىر يىرىك ئەسەر ، بىر نازۇك ئەسەر ، تارىخىي قوشاقلارنىڭ يىلتىزى ، مەنبەسى ئۆز يۇرتىمىزدا بولسىمۇ ، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بىر قىسمى دۆلەت سىرتىدىكى مۇزېي ، كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتىدۇ .ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلدى ، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جۈملىدىن قوشاقلار تارىخىي ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىپ ، مۇشۇ ئاساستا تېخىمۇ تېرىشىپ ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرىنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك مۇكەممەل قامۇسنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

– ئۇچقۇنجان ئۆمەر

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

«پالنامە» ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى  «پالنامە» ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى
ۋاپا ۋاپا
ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئۆزلۈك ۋە كىملىك
يورۇڭقاش شادلىقى
سالچىلار سالچىلار

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.