قىساس
ئاپتورى:قاھار جېلىل
باھاسى:38.00
2006-يىلى 4-ئاي 2- نەشرى
2010-يىلى 3-بېسىلىشى
ISBN:9787537118767
نەشرىياتتىن
مەرھۇم يازغۇچى ، ژۇرنالىست قاھار جېلىل بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقتا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇ 1943-يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭئېرىق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . 1962-يىلى شىنجاڭ سىفەن شۆيۈەننىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن . شۇ يىلى 9-ئايدىن 1976-يىلى 4-ئايغىچە خوتەن سىفەن مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان . 1976-يىلى 5-ئايدىن 1988-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر ۋە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن 1989-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان .
يازغۇچى قاھار جېلىل شىجائەت كەمىرىنى باغلاپ ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئۆزىنىڭ تالانت ۋە قابىلىيىتىنى نامايان قىلىۋاتقان قىرانلىق مەزگىلىدە ، يەنى 1994-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى خوتەن يېڭىئېرىق يېزىسىدا 51 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى .
مەرھۇمنىڭ «چېچەكلەر» ، «چەۋەنداز» ، «كۆڭۈل» ، «ئېزىتقۇ» ناملىق ھېكايە توپلاملىرى ، «مېھرىبان» ، «خىلۋەتتىكى كىشىلەر» ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى، «قىساس» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان . ئۇنىڭ قولىڭىزدىكى «قىساس» ناملىق بۇ رومانى نەشرىياتىمىز 1994-يىلى نەشر قىلىندى ، نۆۋەتتە ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە مەرھۇمنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى ياد ئېتىش يۈزىسىدىن قايتا نەشر قىلدۇق.
مەزكۇر روماندا كونا خوتەن تۇرمۇشى چىن ۋە ھېسسىياتلىق يورۇتۇلغان بولۇپ ، ئەدىبنىڭ ئىجادىي كامالىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق