ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەس

ئاپتورى:مەمتىمىن شىپە

باھاسى:33.00

2010-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى

2010-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN:9787537189323

مۇھەررىردىن

مەمتىمىن شىپە 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈنەس ناھىيىسىنىڭ بەشتۆپە دېگەن يېرىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئاتا – ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قېلىپ ، 1950-يىلىدىن كېيىن قەشقەردە چوڭ دادىسى ئابدۇرېشىت ئەلەمنىڭ تەربىيىسىدە بولغان . 1952-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى ئارىباغ باشلانغۇچ مەكتەپكە ، 1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە 1962-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان . 1968-يىلىدىن 1975- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە نىيە ناھىيىسىنىڭ نىيە گۇڭشېسىدا ، 1976-يىلىدىن 1981-يىلى 6-ئايغىچە كۈنەس ناھىيىلىك پىلان كومىتېتى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە ، 1981-يىلى 6-ئايدىن 1987-يىلى 3-ئايغىچە «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىگەن . 1987-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ،2005-يىلى 10-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان . بۇ جەرياندا 120 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن . ئۇ نەتىجىلىرى بەدىلىگە 2002-يىلى ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىنى ئالغان .

مەمتىمىن شىپە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللاردىلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ ، چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ رومانلىرى ، ئۆز يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھېكايە شېئىرلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ، ئۇلاردىن ئالغان ئىلھام تۈرتكىسىدە شېئىر ، ھېكايىلەرنى مەشىق قىلىپ يېزىشقا كىرىشكەن . تۇنجى ھېكايىسى «پېشقەدەم ئىستاتىستىكىچى» 1977-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 40 تىن ئارتۇق ھېكايە ، ئالتە پوۋېست ئېلان قىلدى . 1981 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «يېڭى باشلىق» ، 1988-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «بىرەھىم كىشى» ، 1991- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «تىرىلگەن ئۆلۈك» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ، شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «بۇمۇ ئۆتۈنۈش» 1999 – يىلى شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاخىرقى ئۆتۈنۈش» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى 1995-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ھەسرەتلىك مۇھەببەت» ناملىق رومانى نەشر قىلىندى . «يېڭى باشلىق » ، «ھەسىنەم» ، «دوستلار» قاتارلىق ئۈچ ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 2- دەرىجىلىك ۋە 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . «يېڭى باشلىق» ، «يايلاقتا يېڭى يول» قاتارلىق ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى .

مەمتىمىن شىپە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

قولىڭىزدىكى «ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەس» ناملىق رومان مۇئەللىپنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن سۇنغان يېڭى بىر سوۋغىسى ، ئۇشبۇ كىتابنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز !

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى
نىزارى داستانلىرى نىزارى داستانلىرى
قىزلار ئەڭگۈشتەرى قىزلار ئەڭگۈشتەرى
مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى
دون كىخوت(1-،2-قىسىم) دون كىخوت(1-،2-قىسىم)

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.