تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما

تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما

ئاپتورى:يالقۇن روزى

باھاسى:18.00

1999-يىل 12-ئاي 1-نەشرى

1999-يىل 12-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN7228055616

                                                                                          نەشرىياتتىن

    ئۆزىنىڭ تەنقىدىي  روھقا باي ماقالە – ئوبزورلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان ياش ئوبزورچى يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇشنىڭ قەدىمىي سەھرالىرىدىن بىرى بولغان ئاغۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن .

    يالقۇن روزى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاغۇ يېزىسىدىكى مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇغان . 1980-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1982-يىلى ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان . بىر يىلدىن كېيىن ، قىزىقىشى بۇيىچە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئالماشقان . ئۇنىڭ شائىر قۇربان باراتنىڭ داستانى توغرىسىدا يازغان «<ئاق روماللىق پەرىزات> داستانى توغرىسىدا» ناملىق تۇنجى ئەدەبىي ئوبزورى ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1986-يىل 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان . بۇ ئۇنىڭ ئەدەبىي ئوبزور ساھەسىگە قويغان تۇنجى قەدىمى ئىدى.

    يالقۇن روزى 1987-يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنىپ ، مۇخبىر بولغان . يالقۇن روزى 1991-يىلى 1-ئايدا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» گە يۆتكىلىپ ، مۇھەررىر بولغان . ھازىر مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەۋاتىدۇ .

    1990-يىللاردىن باشلاپ يالقۇن روزىنىڭ ماقالە ئوبزورلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت -ژۇرناللاردا ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ نامى چىقىشقا باشلىغان . 1995-يىلى پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان «ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى» ناملىق ماقالىسى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە زىلزىلە پەيدا قىلغان . 1997-يىلى ئۇلۇغ مائارىپچى ، تالانتلىق تەشكىلاتچى ، ئوت يۈرەك كومپوزىتور ۋە شائىر مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ، مەرھۇم قەلەمكەش مىرئەھمەد سېيىتنىڭ ئەسلىمىسى ئاساسىدا يېزىپ چىققان تارىخىي ئەسىرى «مەمتىلى ئەپەندى» نەشر قىلىنىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەم جەمئىيەتتە بىر مەھەل ئەۋجىگە چىققان «مەمتىلى ئەپەندى قىزغىنلىقى» نى قوزغىۋەتكەن .

    قولىڭىزدىكى بۇ توپلامغا يالقۇن روزىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان يازغان ماقالە- ئوبزورلىرىدىن تاللاپ كىرگۈزۈلدى . بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنى ئۇ ئۆزى تاللىغان . ئۇ بۇ توپلىمىغا يەنە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى دېموكراتىك ئىستىلنى ۋە ئىلمىي روھىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ ماقالە – ئوبزورلىرى توغرىلىق يېزىلغان ئەدەبىي تەنقىد ماقالىسىدىن تۆتنى تاللاپ كىرگۈزۈلدى .

    يالقۇن روزى «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما» ناملىق بۇ ماقالە – ئوبزورلار توپلىمى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ، ئاساسەن پوبلىستىك ماقالىلەرنى ۋە تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

                                                                                                                               1999-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى

تۈرى :ئەدەبىي ئەسەرلەر, ئۇيغۇرچە كىتابلار | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما  تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:40:11