مەمتىمىن ھوشۇر

ئىقتىدارلىق ئەدىب مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 1979-يىلغىچە مەمۇرىي ئورگانلاردا كادىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1979-يىلدىن باشلاپ، ”ئىلى دەرياسى“ ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى. جوڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەمتىمىن ھوشۇر ئەدەبىيات سېپىگە 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا شېئىر بىلەن كىرىپ كەلگەن. 1965-يىلى ”شىنجاڭ گېزىتى“ دە ئېلان قىلغان ”ئالما“ ناملىق ھېكايىسى بىلەن پروزا ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئەمما، پروزا ئىجادىيىتى 1978-يىلىدىكى ”گئۈلدەستىلەر“ ھېكايىسىدىن كېيىن گۈللىنىشكە باشلاپ، ھازىرغىچە ”نەي ئاۋازى“، ”بۇ چۈش ئەمەس“، ”ئۆلۈككە خەت“ قاتارلىق ھېكايىلار توپلاملىرى، ”نوزۇگۇم“، ”سالام، ھېسام ئاكا“ قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى، ”يىللار شۇنداق ئۆتكەن“، ”قۇم باسقان شەھەر“ قاتارلىق رومانلىرى ۋە ”مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدىن تاللانما“ نامىدىكى بىر بۆلۈك ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. نۇرغۇن ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلى، ئېنگىلس تىلى، ياپۇن تىلى، رۇس تىلى، قازاق تىلى ۋە باشقا تىلارغا تەرجىمە قىلىنغان.

تۈرى :يازغۇچىلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

سالچىلار سالچىلار

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. م مەن مەمتېمىن ھوشۇرنىڭ «چوشقىلارغا بايرام »ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇماقچى ئىدىم ، پەقەت تاپالمايۋاتىمەن . ياردەم قىلغان بولساڭلا؟؟؟؟

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.