شىنجاڭدىكى 50 يىلىم

ئاپتورى:بۇرھان شەھىدى

باھاسى:25.00

1986-يىلى5-ئايدا-1-نەشرى

1999-يىلى3-ئايدا2-قېتىم بېسىلدى

تىراژى:11400-14400

كىتاب نومۇرى:9787105033164

سۆز بېشى

يولداش بۇرھان شەھىدىنىڭ «شىنجاڭدىكى 50 يىلىم» دېگەن ئەسىرى نەشر قىلىندى ، بۇ قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان ئىش!

مەن يولداش بۇرھان شەھىدى بىلەن 1949-يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قېلىنغاندىن كېيىن تونۇشقان بولساممۇ ، لېكىن ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغىنىمغا ئۇزاق بولغان . شىنجاڭغا بېرىپ شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ ۋە بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۇزاق بولغانلىقىنى بىلدىم . يولداش بۇرھان شەھىدى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئازادلىقى يولىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇش ئىشىغا ئاكتىپ تۆھپىلەرنى قوشتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئازاد بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يولداش شۈ لىچىڭ بىلەن ئىككىمىز ئۇنى جۇڭگو كومپارتىيىگە تونۇشتۇردۇق . مەركىزى كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن ، كاندىداتسىزلا رەسمىي پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتتى . ئازادلىقتىن كېيىن ، يولداش بۇرھان شەھىدى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، دېموكراتىك ئىسلاھاتقا پائال قاتناشتى ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، چېگرىنى مۇداپىئە قىلىشنى ھىمايە قىلىپ . گۈللەنگەن ، باي – كۈچلۈك يىڭى شىنجاڭ قۇرۇش يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلدى .

يولداش بۇرھان شەھىدى بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا،ئۇ مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى ؛ ئۇنىڭ پارتىيىگە بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر ، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى چەكسىز قەدىرلەيدۇ ۋە سەمىمىي ھىمايە قىلىدۇ . مۇشۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئېتىبارى بىلەن ، يولداش بۇرھان شەھىدى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . بۈگۈنكى كۈندە ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيىنىڭ 12-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قورۇلۇشىدا ئومۇمى يۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش يولىدا تېرىشىپ كۈرەش قىلماقتا ، يولداش بۇرھان شەھىدى 89ياشقا كىرىپ ، شۇنچە ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي «شىنجاڭدىكى 50 يىلىم » دېگەن چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى ھارماي-تالماي ئىشلەشتەك روھ بىلەن پۈتتۈردى ، بۇ – ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش . بۇ – ناھايىتى قىممەتلىك روھ ، مەن يولداش بۇرھان شەھىدىگە سالامەتلىك -ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ! ئۇنىڭ پارتىيە ئۈچۈن ، ۋەتەن ئۈچۈن ، خەلق ئۈچۈن ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى تىلەيمەن !

ۋاڭ جىن

1983-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى

كىرىش سۆز

بۇ ئەسلىمىلەرنى يېزىپ پۈتتۈرگەن چېغىمدا 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالدىم .

مۇشۇ 90 يىللىق ئۆمرۈمدە ، يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزدۈم . مىنىڭ كۈچ – قۇۋۋەتكە تولغان ۋاقتىم شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ تومۇرىدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ . تارىخ مېنى سىياسىي سەھنىگە چىقىرىپ قويغان ئىدى ، مەن بولسام قابىلىيەتسىزلىكىمدىن ، ھېچقانچە تۆھپە يارىتالمىغانلىغىمدىن ئېچىناتتىم . لېكىن ، بەختىمگە ، «يورۇتۇپ ئالەمنى تاڭ ئاتتى خوراز چىللاش بىلەن»، 1949-يىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئازادلىققا ئېرىشتى. مەنمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ھاياتىمنى باشلىدىم .

60-يىللارنىڭ باشلىرىدا ، يولداش ليۇ شاۋچى ماڭا“شىنجاڭنىڭ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنى كۆپرەك يېزىڭ “ دەپ تاپىلىغان ئىدى . يولداش ليۇ شاۋچىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ، خىزمەت ئارىلىقلىرىدا ، خاتىرىلىرىمنى ۋە گېزىت -كىتابلارنى قايتا ئوقۇپ ، ياڭ زېڭشىن ، جىن شۇرىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى شىنجاڭ تارىخىنى ئەسلەپ ، جۇ چۈنخۇينىڭ قەلەم تەۋرىتىشى بىلەن ئىككى پارچە ئەسلىمە يېزىپ چىقتىم ، بۇ ماقالىلەر 1964- يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تارىخىي ماتېرىياللار ھەيئىتى تەرىپىدىن تەھرىرلەپ نەشر قىلىنىدىغان «تارىخىي ماتېرىياللاردىن تاللانمىلار » نىڭ 46- سانىغا بېسىلدى . شۇنىڭغا ئۇلاپلا شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى شىنجاڭغا دائىر ئۈچىنچى ماقالەمنى يېزىشقا كىرىشتىم ، ئۇ تېخى پۈتمەستىنلا ”مەدەنىيەت ئىنقىلابى“ مالىماتاڭچىلىقى بولدى . مەن ئون يىل ئەركىنلىكىمدىن ئايرىلىپ ، تاكى ”4 كىشىلىك گۇرۇھ“ تارمار قىلىنغاندىن كېيىنلا يېڭىۋاشتىن كۈن نۇرىنى كۆردۈم . ئەپسۇسكى، ئۇزاق ئۆتمەيلا ، جۇ چۈنخۇي مېنىڭدىن ئاۋۋال ئالەمدىن ئۆتتى ، ئۇ قەلەم تەۋرىتىپ يازغان لېكىن پۈتمىگەن بىر ماقالە «تارىخىي ماتېرىياللاردىن تاللانمىلار» نىڭ 1982-يىلىدىكى 79-سانىدا ئېلان قىلىندى.

مەن ئاخىرلىشىپ قالغان مۇشۇ ئۆمرۈمدە يەنە داۋاملىق باش قاتۇرۇپ ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تىرىشىپ ئەسلىدىم ، قەلەم تۇتۇش، رەتلەشكە خەن يىڭشەننى تەكلىپ قىلدىم ،1982-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە تەخمىنەن يۈز مىڭ خەتلىك دەسلەپكى نۇسخىنى پۈتتۈردۈم . پۈتۈن ماقالىنىڭ دەسلەپكى قول يازمىسى پۈتكەندە جى داچۈن ئۆزگەرتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى . لېكىن خاۋاتىرسىزلىندىغىنىم شۇكى ، شۇ يىللاردىكى خاتىرىلىرىم ۋە كىتاب – ژۇرنال قاتارلىق ماتېرىياللىرىمدىن بىر مۇنچىسى ”مەدەنىيەت ئىنقىلابى“ مالىماتاڭچىلىغىدا يوقىلىپ كەتتى ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشىنىپ قالدىم ، زېھنىم يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى ، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىم كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ، شۇڭا ، نۇرغۇن كونكرېت ،جانلىق ۋەقەلەرنى ئەسكە ئېلىشىم ناھايىتى قىيىن بولۇپ قالدى . ئەسلىمىدە ئەھۋالنىڭ ھەقىقىي بولۇش مۇھىم ، كىتابخانىلار رازى بولماي قالسا ، ئۇ قەلەم تۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. ۋاقىت جىددىي بولغاچقا ، بەزى نەقىللەرنى ئەسىلىدىكى كىتابقا سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم، بەزى تارىخىي پاكىتلارنى باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقالمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەلەم تۇتقۇچىلار ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقتىن ،ئۇسلۇبنى بىرلىككە كەلتۈرۈشمۇ قىيىن بولۇپ قالدى ، بۇ ھەقتە كەڭ كىتابخانىلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

تارىخىي پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار ، نۇقتىئىنەزەر جەھەتتىكى نۇقسانلار كىتابخانلارنىڭ خۇسۇسەن تارىخنى كەچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتابخانىلارنىڭ تۈزىتىشىگە قالدى!

ماڭا تازا ئىلھام بولغىنى ۋە ئەينى زاماندا مېنى خاۋاتىرسىزلەندۈرگىنى مەركەزدىكى بەزى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئەسلىمە يېزىپ چىقىشىمغا قىزغىن مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكى بولدى . يولداش ۋاڭ جىن تازا ئالدىراش بولغىنىغا قارىماي بۇ ئەسلىمىگە سۆز بېشى يېزىپ بەردى ۋە خەت يېزىپ ماڭا ئىلھام بەردى . مېنىڭدىن سالامەتلىككە دىققەت قىلىشنى، 12-قۇرۇلتاي روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭخۇانى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا داۋاملىق تۆھپە يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشى ۋە نەشر قىلىنىشىغا يەنە نۇرغۇن يولداشلار ياردەم بەردى ، بۇ يەردە ئۇلارغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن!

بۇرھان شەھىدى

1983-يىلى 2-ئاي

تۈرى :ئۇنۋېرسال | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى
تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما
جەزىرە جەزىرە
بوزدالا بوزدالا
تارىختىكى ئەرەبلەر تارىختىكى ئەرەبلەر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.