جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار

jonggodiki turki tillar

جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار

ئاپتورى:نەسۇرۇللا يولبولدى مۇھەببەت قاسىم

باھاسى:1.50

1987-يىلى 12-ئاي 1نەشرى

1987-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى

ISBN:7563100032

تۈزگۈچىدىن

«جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار» دېگەن بۇ كىتاب شىنجاڭ داشۆ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇش دەرسلىكى ئۈچۈن تۈزۈلگەن . مەملىكىتىمىزدە تۈركى تىللار ئائىلىسىگە كىرىدىغان تىللار جەمئىي سەككىز بولۇپ ، ئۇلار: ئۇيغۇر تىلى ، قازاق تىلى ، قىرغىز تىلى ، سالار تىلى ، غەربىي يۇرت سېرىق ئۇيغۇر تىلى ، ئۆزبېك تىلى ، تاتار  تىلى ۋە توۋا تىلىدىن ئىبارەت بۇنىڭ ئىچىدىكى سالار تىلى بىلەن سېرىق ئۇيغۇر تىلى پەقەت مەملىكىتىمىزگىلا مەنسۇپ . چۈنكى سالارلار بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلار پەقەت مەملىكىتىمىز دائىرىسىدىلا ياشايدىغان  مىللەت . مەملىكىتىمىزدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ  تىلىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . كىتاب «ئالتاي تىلشۇناسلىقى» ، «تۈركىي تىلشۇناسلىقى» ۋە مەملىكىتىمىزدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان سەككىز مىللەتنىڭ تىلى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات  بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ . كىتابنى تېخىمۇ تولۇقلاشنى ۋە بۇ كىتابنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدا پايدىلىنىدىغان ماتېرىياللارنىڭ بىرى بولۇپ قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ كەڭ كىتابخانلارغا سۇندۇق . ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى ھەم تىلچى يولداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر بېرىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

 

سۆز قالدۇرۇڭ!! trackback !

”جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار“ ناملىق يازمىغا 1 ئىنكاس يېزىلدى.

  1. مۇخلىس مۇنداق يازغان:

    بۇ ياخشى كىتاپكەن جۇمۇ بىر ئوقۇپ باقساق بولغۇدەك

جاۋاب يېزىڭ