شەجەرەئى تۈرك

ئەبۇلغازى باھادىرخان

باھاسى:15.00

2002-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى

2002-يىلى 1-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

ISBN: 7228068343

 

كىرىش سۆز

 

ئىپتىداسىز ۋە ئىنتىھاسىز ۋە شېرىكسىز ، يەتتى قات ئاسمان ۋە يەتتە قات يەرنى . ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى بول دىگەندە بولدۇرغان تەڭرىگە ھەمدۇسانادىن كېيىن ئۇنىڭ دوستى ۋە بارچە ئالەم پەرزەنتلىرىگە ۋە جىنلارغا ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئەلاسى ئۇلۇل ئەزەم ۋە رىسالەت ۋە نۇبوۋەت ۋە خاتامەت . بۇ تۆت مەرتىۋىنى ئۆز فەزلىدىن ئىنايەت قىلىۋەتكەن رەسۇل مۇھەممەددۇر . مۇستەفانىڭ دۇرۇدىدىن كېيىن مۇھىببۇل ئۆلەما ۋە مۇرەببىيۇل فۇزەلا چىڭگىزخاننىڭ ئابا ۋە ئەجدادى – ئەرەب مۇھەممەدخان ئوغلى ئەبۇلغازى باھادىرخان چىڭگىزىي ۋە خارەزمى شۇنداق ئېيتىدۇكى ، چىڭگىزخاننىڭ ئابا ۋە ئەجدادلىرى ، ھەر ۋىلايەتلەردە پادىشاھلىق قىلىپ تۇرغانىدى . مۇئەررىخلار تۈركىي ، فرىسىي تىللر بىلەن ئۇلارنىڭ پادىشاھلىق قىلغان ۋە توغۇلغان ، ئۆلگەن تارىخلىرىنى ، ياخشى ۋە يامان قىلغان ئىشلىرىنى يېزىپ تۇرغانىدى . بىر پادىشاھ نامىغا بىر دانىشمەن كىشى بىر تارىخ پۈتۈپ تۇرغان ۋە يەنە بىر نەچچە يىللردىن كېيىن شۇ پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن يەنە بىرەيلەن پادىشاھ بولغاندا ، يەنە بىر دانىشمەن مۇئەررىخ پەيدا بولۇپ پەيدا بولۇپ ، مەن بۇرۇنقى ئۇ مۇئەررىختىن ياخشىراق پۈتۈمەن دەپ ، بۇ پادىشاھنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر تارىخ پۈتكەن . شۇنداقلا چىڭىگىزىان ئەۋلادىدىن ھەر قايسى يۇرتلاردا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ناملىرىغا ئاتاپ ، بەزىلەرگە ئون تارىى ، بەزىلىرىگە يىگىرمە تارىخ ۋە بەزىلەرگە ئوتتۇز تارىخ پۈتۈپ تۇرۇلغان . ئىران بىلەن تۇراندا ئۆتكەن چىڭىگىزخان ئوغلانلىرىنىڭ ناملىرىغا بېغىشلانغان تارىخلاردىن ئۇشبۇ زامان فەقىرنىڭ ئالدىدا ئون سەككىز مۇجەللەد ھازىر تۇرۇپتۇ . ئەمما بىزنىڭ ئاتا ۋە ئاكىلىرىمىزنىڭ بىپەرۋالىقى ۋە خارىزم خەلقىنىڭ بىۋۇقۇپلۇقى ، بۇ ئىككى سەۋەپتىن ، بىزنىڭ جامائىتىمىزنى ئەبەيدۇللاخاننىڭ ئاتىلىرى بىلەن بىزنىڭ ئاتىلىرىمىزنىڭ ئايرىلغان يېرىدىن ، تا بىزگە كەلگۈچە بولغان تارىخلىرى يۈتۈلمەي كېلىندى . بۇ تارىخنى بىر كىشىگە تەكلىپ قىلايلى بۇ تارىخنى بىر كىشىگە تەكلىپ قىلايلى دەپ پىكىر قىلدۇق . ھېچ مۇناسىپ كىشى تاپمىدۇق . زۆرۈر بولدى ، شۇل سەۋەپتىن «يېتىم ئۆز كىندىكىنى ئۆزى كېسەر» دېگەن تۈركىي تەمسىلدەك ئۆز تارىخىمىزنى ئۆزىمىز يازدۇق .

 

ئادەم ئەلەيىھىسسالام تا بۇ كەمگىچە نۇرغۇن تارىخ ئۆتكەنكى ، بۇنىڭ ھېسابىنى بىر تەڭرى بىلۇر ، ھېچبىر پادىشاھ ۋە ئەمىر ۋە ھەكىم ۋە دانىشمەن ئۆز تارىخىنى ئۆزى يازغان ئەمەستۇر . بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ ھاۋاسىدىن ۋە ئەھلى خارىزمنىڭ بېبىزوئەتلىكىدىن ھېچقانداق بولمىغان ئىش بولدى . ئەمدى كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇنكى ، فەتىر تەرىپلەپ يالغان ئېيتقان بولغايمەن ۋە ئۆزۈمنى غەلىتە تەرىپلەپ ئۆتكەن بولغايمەن . بۇ فەتىرگە خۇدايىتائالا ئىنايەت قىلىپ كۆپ نەرسە بەرگەنىدى ، خۇسۇسەن ئۈچ ھۈنەر بەرگەنىدى ، ئاۋال سىپاھىگەرلىكنىڭ قانۇنىي ۋە يۇسۇنىدۇر ، قانداق ئاتلىنىش ۋە يۈرۈش قىلىش ۋە ياۋغا يېساق ياساش ، كۆپ بىلەن يۈرۈش قىلغاندا ، قانداق قىلىش ، ئاز بىلەن يۈرۈش قىلغاندا قانداق قىلىش ، دوستقا دۈشمەنگە قانداق سۆزلەش ؛ ئىككىنچى ، مەسنەۋىئەت ۋە قەسايىد ۋە غەزەلىيەت ۋە مۇقەتتە ئوت ۋە رۇبائىيەت ۋە بارچە ئەشئارىنى پەھملەمەكلىك ، ئەرەبىي ۋە فارىسىي ۋە تۈركىي لۇغەتلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلمەكلىك ؛ ئۈچىنچى ، ئادەم ئەلەيىھىسسالامدىن تا بۇ كەمەۈچە ئەرەبىستاندا ، ئىران ۋە تۇراندا ۋە مۇڭغۇلىستاندا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ئاتلىرى ۋە ئۆمۈرلىرىنىڭ ۋە سەلتەنەتلىرىنىڭ كەم ۋە زىيادىلىكىنى بىلمەكلىك . بۇ ۋاقىتتا پەھمەلەمەكلىكىدە ۋە تارىخ بىلمەكلىكىدە فەقىرەدەك كىشى شاياد ئىراقىدا ۋە ھىندىستاندا بولسا بولغاي ، يوق دىسەم يالغان بولغاي ، ئەمما سىىپاھنىڭ يوسۇنى بىلمەكلىكىدە ، بۇ چاغدا مۇسۇلمان ياكى باشقىلاردا بىر كۆرگەن ۋە ئىشلىگەن يەرلەردە ۋە يۇرتلاردا يوقتۇر . يەر يۈزى كەڭدۇر ، شۇڭا ئىشتىمىگەن يەرلەردە بولسا ئەجەپ ئەمەس . ئەمدى مەقسىتىمىزگە كېلەيلى . بىز بۇ كىتابنى تارىخ ھىجرىي مىڭ يەتمىش تۆت ئەزدىدە ئىبتىدا قىلدۇق ۋە «شەجەرىي تۈرك» دەپ ئات قويدۇق . بۇ كىتابنى تۇققۇز باب قىلدۇق .

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئوتلۇق نەپەسلەر ئوتلۇق نەپەسلەر
چىڭگىزخان
كەلگۈسىنىڭ شائىرى
ئۆلۈك - تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلۈك – تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا
ئانا يۇرت سۆيگۈسى ئانا يۇرت سۆيگۈسى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.