ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا
ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا
ئاپتورى:ئابدۇقادىر جالالىدىن
باھاسى:30.00
2005-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
2005-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-5000
ISBN:7228093399
ئاپتور ھەققىدە
ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدىكى بىر موللا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1986-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ، ھازىرقى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىملەنگەن . 1988-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن .ھازىر بۇ ئىنستىتۇتنىڭ فىلولوگىيە تارماق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.
ئاپتور ھازىرغا قەدەر «شاراب تومۇرى» ، «كۆيگەن دېڭىز» دىن ئىبارەت ئىككى شېئىر توپلىمى ، «ئەقىل مېۋىسى ۋە شەيتان» ، «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى» دىن ئىبارەت ئىككى ماقالىلەر توپلىمى ، «زورا ئاستېر شۇنداق دەيدۇ »، «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» «غەربنىڭ تەپەككۇرى» ، «ئەپلاتون پاراڭلىرى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشردىن چىققان .
«ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا » ناملىق بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ 2002-2003يىللار ئارىلىقىدا ياپونىيىدە كۆرگەن – بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشىنىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق