قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى
قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى
مارك ئاۋرېل سىتەين (ئەنگىلىيە)
باھاسى:30.00
2001-يىل 1-ئاي 1-نەشرى
2001-يىلى 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:3060
ISBN: 7228061101
مۇھەررىردىن
سىر ئاۋرېىل سىتەيىن (Sir aurel stein) ئەنگىلىيىلىك ئارخېئولوگ بولۇپ ، 1862-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋېنگىرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا تۇغۇلغان ، 1943-يىلى 10-ئاۇنىڭ 28-كۈنى ئافغانىستاندىكى كابۇل شەھىرىدە ۋاپات بولغان .
ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇداپېشت ، درېسدېن ، ۋېنا ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدە ئوقۇغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئەنگىلىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ، كېيىن ھىندىستانغا بېرىپ ، لاھور شەھرىدىكى شەرچ ئىنىستىتۇتىنىڭ پەىرىي مۇدىرى بولغان ؛ 1888-يىلى پەنجئاپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان ؛ 1889-يىلى ھىندىستان مائارىپ باش مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن . كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىككى يىللىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . 1906~1908-يىللىرىغىچە يەنە مەركىزىي ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان . 1912-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك سېر مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن . 1913-يىلىدىن 1916-يىلىغىچە ، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى «جۇغراپىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان . ئۇ يەنە 1926-يىلىدىن تاكى ۋاپات بولغىچە ئىران ، ئىراق ۋە تاشقى ئىئوردانىيىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . ئۇنىڭ نەشر قىلىنغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى :
«كەشمىر پادىشاھلىرىنىڭ شەجەرىسى» ،»قەدىمكى خوتەن» ، «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى»، «سېرىندىيە» ، «مىڭئۆي» ، «ئىسكەندەرنىڭ ھىندى دەرياسىغا بارغان يولىنى تەكشۈرۈش»، «دۇنخۇڭدىن تېپىلغان تام رەسىملىرى كاتالوگى ، «گىدرونىڭ غەربىي ئاسىيادىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى»، «ئېراننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتېرىسى»، «ئېراننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى يولنى تەكشۈرۈش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ستەينىڭ 1900-1901-يىللىرى شىنجاڭنىڭ خوتەن رايونى ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىپ كەتكەن باشقا رايونلاردا قەدىمىي ئىزلارنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرى ، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى ۋە قەدىمكى تېپىلمىلارنى بايقاشنىڭ ئاساسلىق جەريانلىرى بايان قىلىنىدۇ . . شۇڭا تەھرىرلەش جەريانىدا ، مۇناسىۋەتلىك ئادەم ۋە يەر – جاي ناملىرى تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزگەرتىلمەي ئەسلىدىكىسى بويىچە ئېلىندى ، بەزىلىرىنى ئۇيغۇرچە توغرا تەلەپپۇز قىلىشقا ئىمكان بولمىدى . شۇڭا ، خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ، كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىۋېلىش ئۈچۈن ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك كۆرسەتمىلەرنى بېرىشىى سورايمەن .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق