ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى
ئاپتورى:خەمىت تۆمۈر
باھاسى:25.00
2011-يىل 5-ئاي2-نەشرى
2011-يىل 5-ئاي 2-بېسىلىشى
Isbn:9787105112234
سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?spm=1103RwoU.1-3F_Cm.b-1P3TTA&id=12827734137
كىرىش سۆز
مەن 1955-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن . 1966-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە ئۇيغۇر تىلى باشتىن ئۆگەنگەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەردىم ، 1972-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنى كەسىپ قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەردىم ، 1980-يىلىدىن باشلاپ يەنە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات نىشان قىلغان ئاسپىرانتلارغا دەرس بەردىم ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدىم . بۇ كىتاب شۇ جەريانىدا توپلانغان ماتېرىيال ۋە دەرس زۆرۈرىيىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئاساسىدا بارلىققا كەلدى .
كىتابنىڭ بۇ قىسمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفىلوگىيىسىگە بېغىشلىغان بولۇپ ، بۇ قىسىمدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيىتىدىكى سۆزلەردە كۆرۈلىدىغان گرامماتىك ھادىسىلەرنى تولۇق كىرگۈزۈشكە ، ئۇلارنى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە تۈرگە بۆلۈپ سىستېمىلاشتۇرۇشقا ، ئۇلارنىڭ گرامماتىكىلىق مەنە ۋە قوللىنىش ئورۇنلىرىنى كەڭرەك بايان قىلىشقا ، شۇنداق قىلىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۆزىگە خاس مورفولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىنى ھەم ئۇنىڭدىكى مول ۋە خىلمۇخىل گرامماتىكىلىق ئۇقۇملارنى تولۇقراق ئېچىپ بېرىشكە ھەرىكەت قىلىندى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر تىلى بويىچە بۇندىن بۇرۇن چىققان گرامماتىكا كىتابلىرىدا بايان قىلىنىپ كېلىۋاتقان بەزى گرامماتىكىلىق بىرلىكلەرنى باشقىچە بايان قىلىشقان ۋە بۇ كىتابلاردا ئېيتىلمىغان بەزى گرامماتىكىلىق بىرلىكلەرنى تۇرغۇزۇشقا توغرا كەلدى . سەۋىيە چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، كىتابتا قويۇلغان يېڭى قاراشلارنى پۈتۈنلەي توغرا بولدى،دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . بۇ يەردىكى ئاساسىي مەقسەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى بۇيىچە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك تىل پاكىتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق تەھلىل قىلىشىنى ، قانداق تەسۋىرلىنىشى توغرىسىدىكى بىر لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىنلا ئىبارەت.
مەن بۇ يەردە ئالدى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كافېدراسىدىكى كەسىپداشلىرىمغا چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ، بۇ كىتابتىكى بىر مۇنچە نۇقتىئىنەزەرلەر ئۇلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق تۇرغۇزۇلغان ياكى تولۇقلانغان . مەن يەنە بىر مۇنچە نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا مۇھىم ئىلمىي مەسلىھەتلەرنى بەرگەن ئۇستاز ئىبراھىم مۇتىئىغا چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن .
بۇ كىتابنى تۈزۈش جەريانىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىمىزدە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەردىن پايدىلاندىم ، بولۇپمۇ ئەمىر نەجىپ تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ موسكۋادا نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ، قازاق س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ ، ئالماتىدا نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دىن كۆپ مەنپەئەتدار بولدۇم . مەن بۇ يەردە بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن .
ئاپتور
1987-يىل مارت ، بېيجىڭ.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق