مۇھەببەت كۆمۈلگەن قەبرە
مۇھەببەت كۆمۈلگەن قەبرە
تۇرسۇنگۈل تۇردى
2011-يىل 6ئاي 1-نەشرى
2011يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:3000
9787537197748 :ISBN
باھاسى:28.00
بەت سانى :318
سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?spm=1103RwoU.3-3F_Cr.h-1P3TUg&id=15266420090&
مۇندەرىجە
1. ئەتىرگۈل نۇسىىلىق ئۈزۈك
2. مۇھەببەت تۆكۈلگەن قەبرە
3. ھايات شاماللىرى
مۇھەررىردىن
ئۈمىدلىك ياش يازغۇچى تۇرسۇنگۈل تۇردى 1976-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېسزىسىدا ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى چەرچەن ناھىيەسىدە تاماملاپ 1992-يىلى بايىنغىلۇن ئوبلاستلىق مالىيە مەكتەپنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . 1996-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن 2009 –يىلىغىچە چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزىلىق مالىيە پونكىتى ، چاقىلىق ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدا ئىشلىگەن .2009-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى تاشبۇلاق باشقۇرۇش كومىتېتىدا ئىشلەۋاتىدۇ .
تۇرسۇنگۈل تۇردى 1998-يىلى «جاراھەت» ناملىق شېئىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا «قاينام» ، «ئۇپۇق قىزارغاندا» ، «ئۈچىنچى سوت» قاتارلىق ئون پارچىغا يېقىن پوۋېست ، «گۇناھكار ئادەم» ، «ئەرنىڭ كۆڭلى» ، «كېسەل» قاتارلىق 80پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، «تەنھا قىز» قاتارلىق 20 نەچچە پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، «ۋەيران بولغان ئائىلە ، يېتىم بولغان بالىلار» ، «قايتا تاللاش يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكمۇ » قاتارلىق ئون نەچچە مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان . «گۇناھكار ئادەم»ناملىق ھېكايىسى «كروران ژۇرنىلى» نىڭ 100 سان نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا«ئالاھىدە ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .«كېسەل» ناملىق ھېكايىسى 13-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن .
تۇرسۇنگۈل تۇردى 2007-يىلى ئاپتۇنوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن غەيرى ماددى مەدەنىيەت مراسلىرىنى رەتلەش مەزمۇن قىلىنغان خەلق مەشرەپلىرىنى رەتلەش ، سىنغا ئېلىش پائالىيتىگە قاتناشقان ھەم «چاقىلىق توپۇق مەشرىپى» نىڭ سېنارىيەسىنى يازغان .بۇ مەشرەپ «جۇڭگو مەشرەپلىرى VCDفىلىم توپلامى» غا ھەم يېزىقچە «جۇڭگو مەشرەپلىرى قامۇسى » غا كىرگۈزۈلۈپ ئۈچ ىىل تىل يېزىقتا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان .ئۇنىڭ 2008-يىلى نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «نامازشامەۈل» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .
مۇئەللىپنىڭ قولىڭىزدىكى تۇرمۇشنىڭ نازۇك ھالقىلىرىنى ، جەمئىيەتتىكى ناچار ئادەتلەرنى ، ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ يازغان « مۇھەببەت كۆمۈلگەن قەبرە» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن سۇنغان يەنە بىر سوۋغىسى . ئۇشبۇ كىتابنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز!
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
بۇ كىتاپتىكى ۋەقەلىك تۇرمۇشقا ئىنتايىن يېقىن بۇلۇپ ئادەمگە ئەتراپىمىزدىكى نازۇك ئىشلارنى تۇنىتىدىكەن.