تارىخىي ھەمىدى
ئاپتورى:موللا موسا سايرامى
باھاسى:36.00
2007-يىلى9-ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى 8- ئاي 4-بېسىلىشى
ISBN:9787105084838
نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن
1. بۇ ئەسەر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش ، رەتلەش ، نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مىللىي كلاسسىك ئەسەرلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش پىلانىغا ئاساسەن ، موللا موسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامىنىڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدا ساقلانغان ، ھىجرى 1329-يىلى ماھى رەجەپنىڭ 10-كۈنى (مىلادى 1911-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرۈپ تاماملىغان نۇسخىسىدىن رەتلەپ نەشرگە تەييارلاندى .
2. بۇ ئەسەرنى نەشرگە تەييارلاشتا ، ئۇنىڭدىكى «قۇرئان» سۈرىلىرى ، «ھەدىس» ئىبارىلىرى، شۇنداقلا سۆز ئارىسىدىكى ئەرەبچە ، پارسچە ۋە باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا كەلتۈرۈلدى ياكى ئۇلارغا ئۆز ئورنىدا ئىزاھات بېرىلدى . يىل ، ئاي ، كۈنلەرگىمۇ ئۆز ئورنىدا ئىزاھات بېرىلدى.
3.ئەسەردىكى يەر – جاي ، ئادەم ناملىرى ئاساسەن ئەسەردىكى تەلەپپۇز بويىچە ئەمەس ، ھازىرقى تەلەپپۇز بويىچە بېرىلدى . مەسىلەن ، (قامۇل) قۇمۇل، (بالە كۆل) بارىكۆل ، (تۇرفان) تۇرپان ، (شەھيار) شايار ، (ئۈچتۇرفان) ئۇچتۇرپان ، (كاشغەر) قەشقەر ، (يار كەند) يەكەن ، (يېڭى ھىسار) يېڭسار ، (تۇنگانى) تۇنگان …
4.تىل ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ، ئەسەرنىڭ تىلى ، گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئاساسەن ئۆز پېىتىچە ساقلاپ قېلىندى ، پەقەت بەزى مۇرەككەپ جۈملىلەرگىلا گرامماتىكا جەھەتتىن ئايرىم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى.
5. ئەسەردە ئۇچرايدىغان تارىخىي ، جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلارغا ئاخىرىدا ئومۇمىي ئىزاھات بېرىلدى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق