قەدىمكى تۇرپان
قەدىمكى تۇرپان
ئادىل مۇھەممەت
باھاسى:18.00
2008-يىل 11-ئاي 1-نەشرى
2008-يىل 11-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:5000-0001
Isbn:9787228120604
نەشرىياتتىن
ياش تارىخ تەتقىقاتچىسى ئادىل مۇھەممەت 1967-يىلى 8-ئايدا مەكىت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1986-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش – باشقۇرۇش ئورنى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئورۇن مەسئۇلى ۋە ئىدارە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن . 2003-يىلى 8-ئايدىن تا ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئوقۇش – تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە .
ئادىل مۇھەممەت تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى 1990-يىلى باشلىغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تارىخ ، ئارخېئولوگىيە ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، مەدەنىيەت – سەنئەت ، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە ئىزدىنىپ ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان .
ئادىل مۇھەممەتنىڭ تارىخ ، ئارخېئولوگىيە ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «قەشقەردىكى قەدىمىي ئىزلار» ، «مەكىت تارىخىدىن تېزىسلار» ، «قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ جۇغراپىيىسى» ، «باياۋاندىكى مەڭگۈلۈك ناخشا – دولان» ، «مەكىت – تارىخ مەدەنىيىتى» ، «شىنجاڭ مەدەنىيەت – يادىكارلىق جەۋھەرلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان .
ئادىل مۇھەممەت ھازىر جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو مۇزېيشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق