مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
ئاپتورى:مۇھەممەد ھۈسەيىن ھەيكەل
باھاسى:34.00
2003-يىل 3-ئاي 1-نەشرى
2003-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7228077431
كىرىش سۆز
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئاللا ئۇنى بەختىيار ۋە ئامان قىلغاي) دېگەن بۇ ئالىيجاناب ئىسىمنى نەچچە مىليونلىغان كىشىلەر ھەر كۈنى نەچچە قېتىملاپ تىلغا ئالىدۇ . بۇ ئالىيجاناب ئىسىم ھەر كۈنى مىليونلىغان ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ . بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئادەم ، مىليونلىغان قەلب بۇ ئەزىمەتنىڭ نامىغا تەنتەنە قىلماقتا ۋە تەلپۈنمەكتە . ھەر كۈنى سەھەردە تاڭ شەپىقى كۆتۈرۈلگەندە مەزىنلەر مۇسۇلمانلارنى ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ ، كىشىلەرنى ئاللاغا ئىبادەت قىلىش، ئاللانىڭ ئەلچىسىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ . دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار غۇۋا تاڭ نۇرىدا ، مەزىنلەرنىڭ ئەزانلىرى بىلەن تەڭ ئاللانىڭ شاپائىتىگە ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ . چۈشتە ئۇلار پېشىن نامىزىنى ئوقۇيدۇ ، كېيىن ئەسىر ، شام ، خۇپتەن نامازلىرىنى ئوقۇيدۇ . ھەر ۋاقىت نامازدا مۇسۇلمانلار ئاللانىڭ بەندىسى ، پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنى ئىخلاس بىلەن تىلغا ئالىدۇ . مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدۇ ، ھەر ۋاق نامىزىدا ئۇنىڭ نامى تىلغا ئىلىنىدۇ . ئۇلار ھەر قېتىم ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان ۋە ئاڭلىغان ۋاقتىدا ، شۇئان ئاللا ۋە ئاللانىڭ ئىلتىپاتىنى ئېسىگە ئالىدۇ . بۇرۇن شۇنداق ئىدى ، ھازىرمۇ شۇنداق ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولغۇسى .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىسقىغىنە تارىخىدا ئاللانىڭ دىننى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىگە تارقاتتى . ئۇ ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىشتىن ئىلگىرى ، ئاللا مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى ئېتىقادىنى مۇكەممەل قىلغانىدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ، ئىسلامنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئەتراپلىق پىلان تۈزگەنىدى ئۇ پارس شاھى كىسرا ، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ھىرەقلى ۋە باشقا دۆلەت ، رايونلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە سەپەرۋەر قىلغانىدى . بەزى دۆلەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى . خرىستىئانلار بىرنەچچە دۆلەتنى بېسىلىپ ، ئاھالىلەرنى ھىيلە – مىكىر بىلەن قىيناپ ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر بولدى .
ئىسلامىيەتنىڭ ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاندالۇتسىيەدە ئۇچرىغان زىيىنى كېيىن تولدۇرۇۋېلىندى . تۈرۈكلەر ئىستانبۇلنى ئېلىپ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تارقاتقان دىننى ئۇ يەردە قۇدرەت تاپقۇزۇپ يەرلىكلەشتۈردى . ئىسلام دىننى بۇ يەردىن پۈتۈن بالقان رايونىغا تارقالدى . ئۇنىڭ نۇرى رۇسىيە ۋە پولشالارنىمۇ يورۇتتى . ياۋۇزلاش ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەزى مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇۋالغان بولسىمۇ ، ئىسلام دىننى تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدىن تا ھازىرغىچە ھېچقانداق دىنلارغا بويسۇنماي كەلمەكتە .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق