ئاۋازلىق ئوقيا

ئاۋازلىق ئوقيا

ئاپتور:ۋاھىتجان ئوسمان

باھاسى: 28.00

ISBN:9787537078191

شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى

2010-يىلى 11-ئاي 1- نەشرى

2010-يىلى 11-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى: 3000

نەشرىياتتىن

شائىر ۋاھىتجان ئوسمان 1963-يىلى 1-ئاپرېلدا كەلپىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.1985-يىلدىن 2001 -يىلىغىچە «مىراس» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن..2001 -يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن.2002-يىلىدىن 2005- يىلىغىچە «شىنجاڭ مائارىپى »ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.2006 -يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە دەرسلىك تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.

شائىرنىڭ تۇنجى شېئىرى 1983-يىلى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە داستانلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، 40 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىغا ئاھاڭ ئىشلەنگەن. بىر قىسىم شېئىرلىرى چەت ئەللەردە ئېلان قىلىنغان .بىر قىسىم شېئىرلىرى  مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ۋاھىتجان ئوسمان ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاش ، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇ نەشرگە تەييارلىغان «تېپىشماقلىق چۆچەكلەر» ، «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى» ، «ئىبراھىم سايىت لەتىپىلىرى»  شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلغان .

    2001-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە «تىل – ئەدەبىيات» دەرسلىكىنى تۈزۈش ، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .

    ئۇ ئىشلىگەن «قىرلىق ئىستاكان» ، «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل»  قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە بىر قىسىم MTV پلاستىنكىلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان . ئۇ تەرجىمە ۋە نەشر قىلدۇرغان تۈركىيىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «چالىقۇشى» نىڭ VCD پلاستىنكىسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ زور ئالقىشىغا  سازاۋەر بولغان .

    بۇ  توپلامغا شائىرنىڭ 1990-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر يازغان ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى .

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, شېئىر-نەسىرلەر | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

كۈلپەتلىك تەقدىر كۈلپەتلىك تەقدىر
قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى
پۈتمەس سەترلەر  پۈتمەس سەترلەر
ئاق يېغىن
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى!! يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى!!

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.