ئوغۇزنامە

ئوغۇزنامە

….ئاشۇنداق بولسۇن دىيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق: ( بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، شۇندىن كېيىن شادلىققا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۈزى يۇرىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك ئېدى. ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئېدى. ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئېدى. ئۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئىمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى، تىلى چىقىشقا باشلىدى.

قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك ، بېلى بۆرە بېلىدەك ، مۆرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك ، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، پۈتۈن بەدىنىنى قۇيۇق تۈك باسقان ئېدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ- ئوۋلايتى، كۈنلەر ئۈتۈپ، تۈنلەر ئۈتۈپ ئۇ يىگىت بولدى. بۇ چاغدا ، بۇ يەردە، بىر چوڭ ئورمان بار ئېدى. ئۇنىڭدا كۆپ دەريا – ئېقىنلار بار ئېدى. ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئېدى، قۇشلار ئۇچۇپ يۇرۇيتى. بۇ ئورمان ئىچىدە چوڭ بىر قىئات بار ئېدى. ئۇ مال – چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئىنتايىن ۋەھشى بىر ھايۋان ئېدى. ئۇ ئەل جامائەتكە زور جەۋرى جاپا كەلتۈرگەن ئېدى. ئوغۇز خاقان بىر باتۇر ئادەم ئېدى. ئۇ بۇ قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋغا چىقتى. نەيزە ئېلىپ، ئوقيا ئېلىپ، يەنە قېلىچ ئېلىپ ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى. بىر بۇغا ئوۋلىدى، ئۇ بۇ بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ كەتتى، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىئات بۇغىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئېيىق ئوۋلاپ ، ئۇنى ئالتۇن بەلۋېغى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىئات ئېيىقنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ ( ھېلىقى ) دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغاندا قىئات كېلىپ بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى. ئوغۇز نەيزىسىنى قىئاتنىڭ بېشىغا ئۇردى. ئۇنى ئۆلتۈردى. قېلىچ بىلەن بېشىنى كەستى. ئۇنى ئېلىپ كەتتى.ئۇ يەنە كەلگەندە كۆردىكى بىر شۇڭقار قىئاتنىڭ ئىچ – قارنىنى يەپ تۇرغان، ئۇ شۇڭقارنى ئوقيا بىلەن ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ بېشىنى كەستى، ئاندىن كىيىن ئۇ ئېيتتىكى :” قاراڭ، مانا بۇ شۇڭقارنىڭ تۇرقى( شۇڭقارنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، قىئات بۇغا يېدى، ئېيىق يېدى، ئۇ گەرچە تۈمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئۇنى ئۆلتۈردى. شۇڭقار قىئاتنى يېدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز بولسىمۇ، ئوقيايىم ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈردى” سۆزلەپ بۇلۇپ كېتىپ قالدى، مانا بۇ قىئاتنىڭ تۇرقى ( قىئاتنىڭ رەسىمى سىزىلغان).

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز خاقان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا ( ئەتىراپ) قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يۇرۇق چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يۇرۇقراق ئېدى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا ئۇ يۇرۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان . ئۇ ساھىپجامال بىر قىز ئېدى. ئۇنىڭ پىشانىسىدە چوغدەك پارقىراق ،مېڭى بولۇپ خۇددى، تۈمۈر قۇزۇققا ئوخشايتى. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئېدىكى ، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئېدى، يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئېدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە پۈتۈن بەدىنىنى تىتىرەك بېسىپ ھۇشىدىن كەتتى، ئۇنىڭغا كۈيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزى يۇرىدى ، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. تۇنجىسىغا كۈن دەپ، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي دەپ، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى.

 

بىر كۈنى ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى، ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى. ئۇ ئىنتايىن ساھىپجامال ئېدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چېچى سۇ ئېقىنىدەك ، چىشى ئۈنچىدەك ئېدى. ئۇ شۇنداق ساھىبجامال قىز ئېدىكى يەر جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە” ئاھ، ئاھ،جاننى ئالىدىكەن” دەرلەر ئېدى. سۈت قىمىزغا ئايلاندى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھۇشىدىن كەتتى. يۈرىكىگە ئوت چۈشتى ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى، ئۇنى ئالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ يەڭگىدى. ئۈچ ئوغۇل تۇغىدى. تۇنجىسىغا كۆك، ئوتتۇرانچىسىغا تاغ، كەنجىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇز خاقان چوڭ توي بەردى. ئەل جامائەتنى تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كېلىپ قاتناشتى. قىرىق شىرە ، قىرىق ئورۇندۇق ياساتتى، كۆپچىلىك تۈرلۈك نازۇ- نېمەتلەرنى يىيىشتى. تويدىن كىيىن ئوغۇز خاقان بەگلەرگە ۋە ئەل- جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

 

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان

ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان

تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان

كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئوران

تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان

ئوۋلۇقتا يۈرسۇن مال – ۋاران

ھەم ئاقسۇن دەريا – ئېقىن

قۇياش تۇغ بولسۇن

ئاسمان قورغان

 

ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان تەرەپ – تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. مەكتۈپتە مۇنداق دېدى: ” مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن. مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشىم كېرەك، شۇڭا سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنىشىڭلارنى سورايمەن، كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا ، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يۇقىتىدۇ” .

 

بۇ چاغدا ، ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن خاقان دەيدىغان بىر خاقان بار ئېدى. بۇ ئالتۇن خاقان ئوغۇز خاقانغا ئەلچى ئەۋەتىپ نۇرغۇن ئالتۇن – كۆمۈش، نۇرغۇن ياقۇت، ئۈنچە- مەرۋايىتنى سوۋغا قىلىپ، ئوغۇز خاقانغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ ياخشى بەگلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئالتۇن خاقان بىلەن دوست بولدى.

 

سول تەرەپتە، ئۇرۇم ( رىم) دېگەن بىر خاقان بار ئېدى. ئۇ خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ۋە شەھەرلىرى نۇرغۇن ئېدى. ئۇ ئۇرۇم خاقان ئوغۇزخاقاننىڭ يارلىقىنى قۇبۇل قىلمىدى. ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا بارمىدى” بۇ سۆزلەرگە پىسەنىت قىلمايمەن” دەپ يارلىققا بوي سۇنمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقاننىڭ غەزىپى كېلىپ ، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقىرىشقا تەييارلارندى. شۇنىڭ بىلەن تۇغنى كۆتۈرۈپ ئەسكەرلىرنى باشلاپ ئاتلاندى. قىرىق كۈندىن كىيىن مۇزتاغ دېگەن تاغنىڭ باغرىغا يىتىپ كەلدى. چىدىر تىكىپ، شۈك بولۇپ ئۇخلاشتى. تاڭ سۈزۈلگەندە، ئوغۇز خاقاننىڭ چىدىرىغا كۈندەك بىر بىر يۇرۇق چۈشتى، بۇ يۇرۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقتى، بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى: ” ھەي ئوغۇز، سەن ئۇرۇمغا .ئەسكەر چىقارساڭ مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن” شۇندىن كىيىن ئوغۇز خاقان چىدىرلىرنى يىغىپ ئاتلاندى، قارىسا لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك ، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرلىدى.

 

بىرنەچچە كۈنىدن كىين كۆك تۈكلۈك ، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە يولدىن توختىدى. ئوغۇزنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە توختىدى. ئۇ يەردە ئېتىل دېگەن بىر دەريا بارئېدى. ئېتىل دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قارا تاغ باغرىدا قاتتىق ئۇرۇش بولدى، ئىككى قۇشۇن ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ جىددى ئۇرۇش بولدى. ئۇرۇش ئەل جامائەتنىڭ كۆڭلىگە كۆپ قايغۇ سالدى، ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى ئېتىل دەريا

تۈرى :ئەپسانە-رىۋايەت, ئۇيغۇرچە كىتابلار