مەن كەچكەن كېچىكلەر

مەن كەچكەن كېچىكلەر

/ئاپتورى: سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف

مىللەتلەر نەشرىياتى

ISBN:**********************

2010-يىلى 1-نەشرى 2-بېسىلىشى

باھاسى: 38.00

بايان قىلىنىش قائىدە-تەرتىپىگە ئاساسەن بەزى ماۋزۇلارنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلدى .1-،2-،3-،4-،5-بابلار ۋە 15ماۋزۇ قايتا يېزىلدى .رەتلەش جەريانىدا مەن تارىخى كىتاب ،ماتېرىيال ،ئارخىپ ھۆججەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،كىتابنى تارىخى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ، سۈپەتلىك ،سەۋىيىلىك ئەسەر قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم .ئاپتورنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بىر قىسىم ماۋزۇلار قىسقارتىلدى ۋە شاللىۋېتىلدى : مەسىلەن: 3-بابتىكى ئاقمۇللار ئىسمائىلنىڭ قەشقەردىن مۇھىم ئاخباراتنى ئىلىپ ،ئۇپال ئارقىلىق خۇجىنىياز ھاجىغا يەتكۈزۈشى ؛5-بابتىكى شېڭ شىسەينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قۇيۇشى ؛6-بابتىكى كورلا-چاقىلىق تاشيولىنى ياساش جەريانى؛7-بابتىكى جەنۇبى شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئالتايدىكى ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى؛8-بابتىكى گۇچۇڭ ،مورىي ، ئالتايدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ؛10-بابتىكى نۇرپاي باتۇر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈشى قاتارلىق 200بەتتىن ئارتۇق ئورىگىنال قىسقارتىلدى ۋە شاللىۋېتىلدى . بۇ ماتېرىياللا تارىخى ئەسلىمە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئەسلىمىنىڭ ئىلمى سۈپىتىگە نۇقسان يەتكۈزەتتى . ئۆزگەرتىش جەريانىدا مەن ئاپتورغا ئىنتايىن ھۆرمەت قىلدىم ، ئەسلى ئورىگىنالغا قالايمىقان قەلەم تەگكۈزمىدىم ، جىجىپ بويىمىدىم،باشقا قەغەزگە كۆچۈرۈپ رەتلىدىم.ئەسلىي ئورىگىنالنى ئۆز پىتىچە ئاپتورغا قايتۇرۇپ بەردىم .چۈنكى ئاپتورنىڭ قان-تەر بىلەن يېزىپ چىققان ماتېرىيالى قىممەتلىك . بىر پېشقەدەم قەھرىماننىڭ قەيسەر ئىرادىسى ،مەقسەت -غايىسى ئەڭ قەدىرلىك . قىسقارتىلغان،شاللىۋېتىلگەن بۇ ماتېرىياللارنى ئاپتور مەزمۇن ئالاھىدىلىكى بۇيىچە ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلسا بولىدۇ، ئورىگىنالنى رەتلىگۈچى ، تەھرىرلىگۈچىلەر بۇنى نۇقتىنى چۈشەنمىسەك بولمايدۇ . ئورىگىنالنى رەتلەشكە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى . شۇنچىلىك ۋاقىت ئىچىدە مەن باشقا بىر پارچە كىتاب يېزىپ چىقالىشىم مۇمكىن ئىدى . لېكىن ئۇنى سۇپاخۇنكامنىڭ ئەسلىمىسىنى نەشرگە تەييارلاشتەك ئەھمىيەتلىك ئىش بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايتتى . مەن جاپا تارتقان بولساممۇ ، مۇشۇنداق مەنىلىك ئەمگەك قىلغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ،مەن ئورىگىنالنى رەتلەش جەريانىدا ،يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت كىتاب،تارىخى ماتېرىيال ،تەزكىرە ئارخىپلارنى ئۇقۇپ ،تارىخى بىلىمگە ئىگە بولدۇم . ئورىگىنالدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا تەجرىبە-ساۋاقلارغا ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم .

كېيىن مەن سۇپاخۇنكامنىڭ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالغانلىقىنى ئۇنى يوقلاپ بېرىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم :«ئەسلىمىلىرىنى نەشرگە تەييارلاشتا تەلەپكە لايىق بولۇش ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ ،تولۇقلاپ،بەزى مۇناسىۋەتسىز قىسىملىرىنى قىسقارتىپ ،كۆڭۈللىرىنى رەنجىتىپ قويدۇم ؛ ھەرقانداق كىتابنىڭ ئورىگىنالىنى رەتلىگۈچىنىڭ ، تەھرىرنىڭ قۇلىدىن ئۈتىدىكەن ؛ ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ كىتابلىرىمۇ شۇنداق نەشر قىلىنىدىكەن ؛ مىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ھۆرمىتىمنى ، سەمىمىيھۆرمىتىمنى چۈشىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن ؛ كىتابلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈمۈد قىلغاندىنمۇ ئۇئاخشى چىقىشىغا ئىشەنسىلە»دېدىم . سۇپاخۇنكام يۇقلاپ بارغىنىمغا خۇش بولدى .ھاياجانلىنىپ كۆزىگە ياش ئالدى :«كىتاب يازماق ،بۇلۇپمۇ سېتىمىلىق بۇلۇپ چىقماق تەس ئىكەن. مەن يازغان بۇ كىتابتىن كۆپ مەسلە چىقمايدۇ دەپتىكەنمەن ،چاتاق كۆپ ئىكەن ، ئۆزلىرى تۈزەيمەن دەپ جاپا تارتتىلا ،سەيپۇللايېف ئۆزلىرىنى رەتلەپ بېرىشكە تەۋىتسىيە قىلىپ ياخشى قىلىپتىكەن .مىنى يۇقلاپ كەلگەن دوستلارمۇ ئۆزىلىرىگە ئىشىندىكەن . ئۇلار ياخشى گەپلىرىنى كۆپ قىلىدۇ ، يازمىنىڭ جىق يەرلىرى ئۆزگەرتىلىپ ، قىسقارتىلغانلىقىنى قۇبۇل قىلالمىغان يەرلىرى بولدى ، خوش بۇلغان يەرلىرىمۇ بولدى ،بۇ ھەقتە ئۆزلىرى بىلەن قىزىرىشىپمۇ قالدۇق . ئارقىدىن پۇشايمانمۇ قىلدىم . ئادەم قېرىغاندا تېرىككەك بۇلۇپ قالىدىكەن ، خاپا بولمىسىلا مەن ئۆزلىرىدىن كۆپ رازى ،يەنە داۋاملىق ئاكا -ئۇكىلاردەك ئۆتىشەيلى » دىگەن گەپلەرنى قىلدى .لېكىن سۇپاخۇنكام ئەسلىمىسىنى رەتلەشتىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن ئاكا -ئۇكىلاردەك يىقىن مۇناسىۋەتتە بۇلالمىدۇق .باردى-كەلدىمىزمۇ بالدۇرقىدەك قۇيۇق بۇلمىدى .«مۇھەببەتمۇ ئازاپلىق بۇلىدۇ » دېگەندەك ، كىتاب نەشردىن چىقسىلا دوستلۇق مۇھەببىتىمىزنىڭ ئەسلىگە كىلشىگە ئىشىنىمەن.

ئابدۇلئەزىز ئىسمائىل قومۇلى

1999-يىلى12-ئاي،ئۈرۈمچى

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت, تەرجىمھال | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

جەزىرە جەزىرە
قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان
تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا
مەمەت ئاۋاق مەمەت ئاۋاق
ئىسمائىل ھاجى ئىسمائىل ھاجى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • لىكىمجان
    • 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 13-كۈنى 18:19:53

    بۇ كىتابلار مۇشۇ يەردە چىقىرىپ قويغان باھا بويىچە سېتىلامدۇ؟

    • ئوغۇز
    • 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 31-كۈنى 23:18:26

    بۇ كىتاب تۈگىدى،3-بېسىلىشىنى ساقلاڭ!

  1. بۇ قانداق كىتاپ پۇلغا سېتۋالامدۇق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.