ياغاچ قۇلاق
ياغاچ قۇلاق
ئاپتورى:جاسارەت جاپپار
باھاسى:28.00
2007-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى 3-ئاي 2-بېسىلىشى
تىراژى:3001-6000
ISBN:9787537157110
نەشرىياتتىن
جاسارەت جاپپار دېگەن بۇ ئىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىغا نىسبەتەن ناتونۇش بولمىسا كېرەك . چۈنكى ، بالىلار ئۇنىڭ نۇرغۇن ھېكايە – چۆچەك ، شېئىرلىرىنى ئوقۇغان . ئۇنىڭ ئۆزگىچە دۇنياسىدا سەيلە قىلغان .
جاسارەت جاپپار 1972-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان . 1995-يىلى غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنغان . ھازىرغىچە شۇ مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە .
جاسارەت جاپپار قولىغا قەلەم ئالغاندىن بېرى ئىزچىل تۈردە بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ۋە بۇ ساھەدە سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان تالانتلىق بالىلار يازغۇچىسى .
جاسارەت جاپپارنىڭ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھات بويىچە تۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات، مۇزىكا دەرسلىكلىرى ۋە پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە 30 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن .«كېپىنەك قىز» ، «قورچاق بالا» ، «بالىلىق ئەسلىمىسى» ، «تىنچلىق كەپتىرى» ، قاتارلىق ئون نەچچە تېكىستىگە مۇزىكا ئىشلىنىپ بالىلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىغا ئايلانغان . «سىڭلىم »دېگەن شېئىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن . «قۇشقا ئايلانغان بالا» ، «چوغباش بىلەن شوخباش» ، «سالام ، مۇئەللىم» قاتارلىق بالىلار كىتابلىرى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان .
قولىڭىزدىكى بۇ رومان مۇئەللىپنىڭ بالىلار ئۈچۈن سۇنغان تۇنجى رومانى بولۇپ ، ئۇنىڭ بىرىنچى بېتىنى ئاچسىڭىز ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى گۈزەل ئەپسانە – رىۋايەت ، چۆچەك ۋە فانتازىيىلىك ۋەقەلىك دۇنياسىغا شۇڭغۇيسىز . رومان ئىچىدە سىزنىڭ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىڭىز چېچەك ئاچىدۇ ؛ رومان ئىچىدە ئانىدەك مېھرى ئىسسىق تەبىئەت سىزنى ئۆز قوينىغا چاقىرىدۇ ؛ رومان ئىچىدە نۇرغۇن بالىلارنىڭ دوستانە قولىنى سىزگە سۇنىدۇ …
ئۇشبۇ روماننى ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىڭىزلارغا تىلەكداشمىز.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق