دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى
دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى
ئاپتورى:ئوسكار ۋىلد
باھاسى:28.00
2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
2009-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
isbn:9787228128006
قىسقىچە مەزمۇنى
«دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى» ناملىق بۇ ئەسەر ئوسكار ۋىلدنىڭ (1900-1854) بىردىنبىر رومانى بولۇپ ، ئىستېتىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ .بۇ ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋېرلىنىدۇ :دورىياننىڭ كېلىشكەن چىرايى رەسسام بازىل خالۋاردنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇرغا زور ئىلھام بېرىدۇ دە ، دورىياننىڭ رەسىمىنى ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىپ چىقىدۇ . دورىيان گرېي ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز كېلىشكەن چىرايىنىڭ رەسىمدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ ، ئاشۇ كېلىشكەن چىرايىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ سەتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ، ھازىرقى مۇشۇ جەلپكار قىياپىتىنىڭ ھامىنى يۇقىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، چەكسىز ئىزتىراپ چېكىدۇ ۋە روھىنى ئالماشتۇرۇش بەدىلىگە ياشلىق باھارىنى ، قاملاشقان چىرايىنى ساقلاپ قېلىش ، چىرايىدىكى يىللارنىڭ ئىزناسى بولمىش قورۇقلارنى رەسىمگە يۈكلەپ قويۇشتەك بىر ئىستەك كاللىسىغا كېلىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە يۈز بېرىپ ، ئۇنىڭ بۇ ئىستىكى راستىنىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، لورد ھېنرىنىڭ ئازدۇرىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ، دورىيان مودا قوغلىشىپ راھەت – پاراغەت تۇرمۇشقا بېرىلىپ كېتىدۇ ، خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ ، ۋۇجۇدىدا ھېيىقىش ، خىجىل بولۇش دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ . ئۆزىنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان ياش ئارتىس قىز سىبىل ۋېيىنغا شەپقەتسىزلىك قىلىپ ، قىزنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ . دەسلەپتە سىبىلنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى پۇچىلىنىدۇ . لېكىن ، لورد ھېنرىنىڭ «ياشلىق ئادەمگە باقىۋەندە ئەمەس ، ياشلىقىڭدا قانغۇچە ئويناپ – كۈلۋال» دېگەندەك گەپلىرىدىن تېزلا ئۆزگىرىپ ، غەمسىز ئويناپ – كۈلۈپ ياشاۋېرىدۇ.
دورىياننىڭ نۇرغۇن دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ چۈشكۈن ۋە شاللاقلىقى تۈپەيلى ، ئابرۇيى تۆكۈلۈپ ۋەيران بولىدۇ . رەسسام بازىل خالۋارد ئۇنىڭ بۇ چۈشكۈن قىياپىتىگە ئىچىنىپ ، ئۇنى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ . بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن دورىيان ئاچچىقىدا بازىلنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ۋە يەنە بىر دوستىغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ يۈرۈپ ، بازىلنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ ئىزىنى يوقىتىۋېتىدۇ. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۇ شۇنچە يىل ئەيش – ئىشرەت بىلەن ياشىغان بولسىمۇ ، لېكىن چىرايىدىن كەتمەي ، يىگىرمە ياش ۋاقتىدىكىدەك ياپياش تۇرىدۇ . ئەمما ، ئۇنىڭ رەسىمى خۇنۈكلىشىپ ،رەسىمنىڭ ئېغزى ئەتراپىغا قورۇقلار چۈشۈشكە باشلايدۇ . ئاخىردا دورىيان رەسىمدىكى بەتبەشىرە ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ تالاي جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ شاھىتى بولمىش بۇ رەسىمنى پىچاق بىلەن يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ، ئويلىمىغان يەردىن پىچاق ئۆزىنىڭ كۆكسىگە سانجىلىدۇ . دەل شۇ چاغدا ، رەسىم ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىدۇ . پىچاق دورىياننىڭ سانجىلغاندىن كېيىن روھى تېنىدىن ئاجرايدۇ ۋە ئەسلىدىكى قاملاشقان ، سۇمباتلىق تۇرقىدىن ئەسەر قالمايدۇ .
ئومۇمەن مەزكۇر روماندا باش پېرسوناژ دورىيان گرېي ، رەسسام بازىل خالۋارد ۋە لورد ھېنرى قاتارلىق ئۈچ شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئارقىلىق ، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى ، شەھۋەتخورلۇق ، ئالىيجانابلىق ، رەزىللىك ،گۈزەللىك ، بەتبەشىرىلىك قاتارلىق ئېتىكىلىق ئۇقۇملار ھېسسىي رەۋىشتە نامايان قىلىنغان .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق