رۇسچە – ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش

تۈزگۈچى:كامالىدىن

باھاسى:30.00

2008-يىلى 12-ئاي1-نەشرى

2010-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-10000

ISBN:9787537244756

كىرىش سۆز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، رۇس تىلى ئۆگىنىشكە بولغان تەلەپ قىزغىنلىق كۈنسايىن ئاشماقتا .

بىز تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە رۇس تىلى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ ، زىيادە سۆز – ئىبارىلەردىن خالىي ، مەزمۇنى مول ، ئۆزلەشتۈرۈش قۇلاي «رۇسچە – ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش» ناملىق بۇ رۇس تىلى ئۆگىنىش قوللانمىسىنى تۈزۈپ چىقتۇق .

بۇ كىتابتا كۆپ ئۇچرايدىغان دىئالوگلار ئىخچام بېرىلگەن ، ئۆگەنگۈچى بۇ دىئالوگلاردىكى ئىسىم ، ئىگە ، خەۋەر ، تولدۇرغۇچى سان قاتارلىق مۇھىم سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرىدۇ ۋە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ .

تىلشۇناسلار ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تېز ئۆگىنىشى ئۈچۈن مۇنداق تۆت خىل ئۇسۇلنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ .

بىرىنچى : كۆپ ئاڭلاش

ئىككىنچى :كۆپ سۆزلەش

ئۈچىنچى :كۆپ كۆرۈش

تۆتىنچى:كۆپ يېزىش

ئاخىرىدا تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز شۇكى ، دۇنيادا ئوڭايلا ئىگىلەپ كەتكىلى بولىدىغان تىل يوق ، پەقەت تىرىشسىلا ھەر قانداق تىلنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقىلى بولىدۇ .

كىتابتىكى دىئالوگلار بەكمۇ جانلىق ، ئىشلىتىلىشچانلىقى كۈچلۈك تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ھالدا تۈزۈلدى . شۇڭا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كىتابتىكى دىئالوگلارنى ئەركىن ئوقۇپ ئۈنلۈك ، راۋان سۆزلەشنى قايتا – قايتا مەشىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

تۈرى :تىل

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. رۇسە ئۇيخۇرچە ئلپە دېن 1 ساپ برەمسېز ؟

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.