كۈز يامغۇرى

ئاپتورى:تۇرسۇنجان مۇھەممەت

باھاسى42.00

2010يىلى6-ئاي 1-نەشرى

يىلى6-ئاي 31-بېسىلىشى

تىراژى:1-4000

ISBN:9787573187435

مۇھەررىردىن

يازغۇچى ، ژۇرنالىست تۇرسۇنجان مۇھەممەت 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1981-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە كېرىيە پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان . 1983-يىلى 7-ئايدىن 1986-يىلى 9-ئايغىچە چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزا ياپىلاق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . 1986-يىلى 9- ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە خوتەن مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان . 1991-يىلى 8-ئايدا 《خوتەن قاشتېشى 》 ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كەلگەن . نەشرىيات سىستېمىسى بويىچە كاندىدات ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىغا ئىگە . ھازىر بۇ ژۇرنالدا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .

تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ ئىجادىيىتى 《يىڭى قاشتېشى 》 ژۇرنىلىنىڭ 1987-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان 《ھۈنەر ئالماشتۇرۇش》 ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان . شۇنىڭدىن بۇيان 《تارىم》 ، 《تەڭرىتاغ》 ، 《شىنجاڭ مەدەنىيىتى،《شىنجاڭ گېزىتى》 ، 《ئىلى دەرياسى》، 《يىڭى قاشتېشى 》،《ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى》 ، قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 《ئانا قەدىرى》، 《قاينام》 ، 《قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى》، 《بۆرە جىلغىسى》، 《كۆڭۈل چۈشى》 قاتارلىق 13 پوۋېستىنى ، 《قارا مۈشۈك》 ، 《تۇل خوتۇننىڭ قىزى》 ، 《مەھشەر كۈنى》، 《ئاي يىتكەن كىچە》، 《يېڭى تاۋۇس ئەللەيىن》 قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ، 《دېھقان يېنىدا ئېشەك بار》، 《ئوقۇشسىز قالغان بالىلار ۋە ھاراق》، 《ئەل غېمىنى ئەر يەيدۇ》 ، 《كۈمۈش لېنتىدا چاقنىغان نۇر》 قاتارلىق 15 پارچە ماقالە ۋە ئەدەبىي ئاخباراتى ئېلان قىلىنغان . 1996-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 《ئەل ئايىغى بېسىققاندا》 مىكرو ھېكايىلەر توپلىمى ، 1999-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 《قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى》 ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 《كۇھىقاپتىكى تەبەسسۇم》ناملىق پوۋېستلار توپلىمى 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 《تۈندىكى پەرىشتە 》 ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ، 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 《سېھىرلىك نەي》 قاتارلىق پوۋېست ھېكايىلىرى خەنزو تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان..

 

ئۇنىڭ 《جاھان ئېتىكى كەڭرى》 ،《قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى》 ، 《قىيادىكى ئاي》 ، ناملىق پوۋېستلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 《خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى》 غا ، 《ئانا قەدىرى》 ، 《قۇرۇلتاشتىكى كۈنلەر》 ، 《ئەلۋىدا كىرپىك》 ، 《شەيتان كەرىش》 قاتارلىق پوۋېست – ھېكايىسى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .تۇرسۇنجان مۇھەممەت 2007-يىلى 5- ئايدا «تارىم »ژۇرنىلىنىڭ 555 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش كاتتا يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە تارىم ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن «ئالاھىدە تۆھپە »مۇكاپاتىغا 2008-يىلى 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «2-نۆۋەتلىك ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى» نى باھالاش پائالىيىتىدە «ياش يازغۇچىلار تۆھپە مۇكاپاتى » غا ئۇنىڭ ھىجران ناملىق رومانى 2009-يىلى 3-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات سەنئەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن .

تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، ئاپتونوم رايونلۇق «12 مۇقام» تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى 6- ، 7-، قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى .

قولىڭىزدىكى «كۈز يامغۇرى» ناملىق بۇ رومان مۇئەللىپنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن سۇنغان يېڭى سوۋغىسى ، ئۇشبۇ كىتابنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز.

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

جەزىرە جەزىرە
ۋىجدان كۆزى ۋىجدان كۆزى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • سۇبات
    • 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 06:26:08

    بۇ كىتاپنىڭ ئاۋازلىقى بامىدۇ؟

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.