ئوتلۇق نەپەسلەر
باھاسى:20سوم
ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى
يازغۇچى مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم 1970-يىلى4-ئاينىڭ 8-كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن،1985-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ تۆت يىللىق ئومۇمىي پەن كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان .1989-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن يېڭىباغ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ ،ئوقۇتقۇچى، چوڭلار مائارىپ كەسپى خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن .1997-يىلى كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سىياسىي كېڭەش كېرىيە ناھىيىلىك كومىتېتى ئىشخانىسىدا ۋەزىپىلەردە بولغان . ھازىر كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇ 1993-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە شىنجاڭ رادىئو – تېلىۋزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان .ھازىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئىشتىن سىرت ئوقۇۋاتىدۇ.
يازغۇچىنىڭ «ئاپەتتىن ئامەت» ،«بۇ چۈش ئەمەس»،«ئۇيقۇسىز كېچە»،«قايتىش»،«ئاھ مۇھەببەت»قاتارلىق 65پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،نەسرلىرى،«ئۆرتەنگەن قەلبلەر»،«يېڭىباغ يالىغىدىكى ئەرۋاھ » ، «ئۇتۇق ئەجىر -مېھنەتتىن»قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتى. «ئات ۋە ئۇيغۇرلار»بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى،«دەريا بۇيىدىكى سۆيگۈ » ،«خالتا كوچا»،«ئەركەكلىك قىممىتى»،«بەختلىك بول ،لالە»،«زېمىن گۇۋاھ»،«مۇز داۋاندىكى ئاتەش»ئالتە پارچە پوۋېستى ئېلان قىلىنغان 2002 -يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن«بۇ شۇنداق جاھان » ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.ئۇ ھازىر كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق