يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام
ئاپتورى: ئەختەم ئۆمەر
باھاسى: 10.00
2008-يىلى6-ئاي بىرىنچى نەشرى، 2010-يىلى 12-ئاي بېيجىڭ 3-بېسىلىشى
يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام
مەن دوستلىرىمنىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە ياردىمى بىلەن دۇنيا كۆرۈپ، نەزەر كۆزۈمنى ئېچىپ كېلىش مەقسىتىدە 1992-يىلى 11-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى بەزى دۆلەتلەر رومىنىيە،تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ،ئۇ دۆلەتلەردىكىلەر بىلەن بىزنىڭ ئورتاقلىقىمىز ھەم پەرقىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم،شۇنداقلا،چەتئەلدە ئۇچراشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىدىن كۆرگەن – بىلگەنلىرىم ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەنلرىم بىلەن ئۆز ئارا ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئەينەن بايان قىلدىم. دۇنياغا نىمە ئۈچۈم تۆرەلدۇق،قانداق ياشاۋاتىمىز ، قانداق ياشىماقچى ، قانداق ياشىساق بولىدۇ؟ دىگەن ھايات يوللىرى توغرىسىدا ئادەتتىكى بىر ئادەم كاللىسى بىلەن كۆزەتكەنلىرىم ، ئويلىغانلىرىمنى پەرداز قىلماستىن ، تۈزلۈك – سەمىمىيەتلىك بىلەن يازدىم.
مېنىڭچە ، بۇ تېخى دەسلەپكى تەسىراتىم ، مەن يەنە پۇرسەت بولۇپ ، سەپەر چىقسا ، تېخىمۇ كۆپ يەرلەرنى كۆرۈشنى ، بۇلۇپمۇ بىزدىن ياخشى ياشاۋاتقان، بىزدىن ياخشى ئويلىيالايدىغان ، سۆزلىيەلەيدىغان ، قىلالايدىغان ،ئىلغار ، زامانغا لايىق ئىنسان تەبىئىتى ، ئەخلاق يولىدا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ ، پىكىر ھەم تەسىراتىمنى يۇرتۇم خەلقى بىلەن ئورتاقلىشىشنى پەرز دەپ ھېسابلايمەن.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان بۇلۇپ ئادەمىنى قانداق ياشاش ،ئۆزلۈك قىممىتىنى قانداق يارىتىش،كىشىلىك قىممەت قارشىنى قانداق تىكلەش … توغرىسىدا چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن ھەر-بىر كىشى ئوقۇپ قويۇشقا تىگىشلىك كىتاب،،،كىشىنى ئۆزلۈك،تەغدىر توغرىسىدا نۇرغۇن ئويغا سالىدۇ…