ئۆزلۈك ۋە كىملىك

ئۆزلۈك ۋە كىملىك

ئاپتورى:ئەسەت سۇلايمان

باھاسى:47.00

تىراژى:8001-13000

2006-يىل 7-ئاي1-نەشرى

2010-يىل 3ئاي1-بېسىلىشى

ISBN:7563120610

 

ئاپتور ھەققىدە

ئەسەت سۇلايمان 1969-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . 1986-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان . 1991-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە يەنە شۇ فاكۇلتېتتا ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى يۆلىنىشى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان 1996-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاسپىرانتورىيىسىگە قوبۇل قىلىنىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان . 1999-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ ئەدەبىيات پەنلىرى بۇيىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 2003-، 2004-يىللىرى شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يەنە ياپونىيە ، شۋېتسىيە ، ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھەمدە ئىلمىي لېكسىيىلەردە بولغان .

 

ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ، «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ، «تارىم قوۋىقى چېكىلگەندە» ، «ئەلىشىر ناۋايى» ، «خەمسىچىلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان . مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان . 2000-يىلىدىن بۇيان ، مەملىكەت ، ئاپتونوم رايون ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىياتى بويىچە بىر قانچە تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلغان .

 

2001-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۇيىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى بولغان ھەمدە بىر قانچە قارار ماگىستىرلارنى تەربىيىلىگەن . 2005-يىلى پروفېسسورلۇق كەسپى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 200-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇيىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن 10 چوڭ ياش» ، 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە «مۇنەۋۋەر پوستدوكتور» بولۇپ باھالانغان .

 

ھازىر 2007-يىلى تاماملىنىدىغان پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا .

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, ساياھەت خاتىرىسى | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

海米赛现象”与维吾尔文学“ 海米赛现象”与维吾尔文学“
ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھەقىقەتەن بىر قانچە قېتىملاپ ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتاب ئىكەن،نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىكى تارىخلاردىن يۈزەكى بولسىمۇ خەۋەردار بولغان بولساقمۇ لېكىن مۇشۇ يۈز يىل ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىشلاردىن بۇلۇپمۇ مىللىتىمىز ئارىسىدىكى تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى ،ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئىزدىنىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز ئىدۇق،ئاپتورغا رەھمەت،كۆپتىن كۆپ رەىمەت،30ياشلارغا قەدەم قۇيۇش ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئۇقۇيالمايدىغانلىقىمغا قاراپ ئۈكۈنۈش ئىچىدە خۇرسىنماقتىمەن

    • ئابدۈللاھ
    • 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:18:30

    مەمەن ئەس ئەد سۈلايماننىڭ تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ ئۆزلۈك ۋەكىملىك .تىن ئىبارەت .ئېككى پارچەئەسىرىنى ئوقۈپ بۈيازغۈچىنىڭ ئەسەرلىردىن بەكمۈ تەسىركەندىم.ھەم ئۈنىڭغا يۈكسەك باھابەردىم مەن بۈيازغۈچىدىن پەخىر لللىنىمەن بارلىق ئۈيغۈر مىللىتىنىڭ پەخىرئوغلانىدەپ قارايمەن

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.