ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى

ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى

ئاپتورى:ئەسەت سۇلايمان

باھاسى:20.00

2001-يىلى 2-ئاي 1-نەشرى

2001-يىل 2-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

isbn:7228063023

                                                                                               كىرىش سۆز

     مەزكۇر كىتابتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى – بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى ناھايىتى ئەتراپلىق ، سىستېمىلىق ، ھۆججەتلىك ۋە ئىلمىي ئاساستا خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن . بۇ كىتاب غەربى يۇرت مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن ئىلمىي ۋە ماتېرىياللىق قىممەتكە ئىگە . بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا تامامەن قوشۇلىمەن .

    كونكرېت ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:

    بىرىنچى ، كىتاب ناھايىتى باي مەزمۇنغا ئىگە . مېنىڭ بايقىشىمچە ، باش تېما – بۆرە توتېمىگە دائىر مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىتابقا كىرگۈزۈلگەن . باشقىچە ئېيتقاندا ، باش تېما نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي جەھەتلەردە يېتەرلىك ئاساسلار بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلۈپ بېرىلگەن .

    ئىككىنچى ، بۆرە توتېمى مەدەنىيىتىنىڭ بىرەر مىللەت ياكى بىرەر جۇغراپىيىلىك رايونغىلا ئەمەس ، بىر قانچە قىتئەلەردە ياشىغان (ياشاۋاتقان) نۇرغۇنلىغان ،مىللەتلەرگە ئورتاق مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكى شەرھلەنگەن بولسىمۇ ، ئەمما مۇھىم نۇقتا تۈركىي تىللىق   خەلقلەرنىڭ بۆرە توتېم مەدەنىيىتى ئاساسلىق ئورۇنغا قۇيۇلۇپ ، كىتابنىڭ تېماتىك تۈزۈلۈشى مۇئەييەن سىستېمىغا ئېرىشتۈرۈلىگەن . دېمەك بۇ كىتاب مۇئەييەن ئىلمىي سىستېمىغا ئىگە .

   ئۈچىنچى ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلىنغان . بىرەر مىللەت ياكى قەبىلىنىڭ توتېمىغا باغلىق ئادەت ۋە ئۇدۇملىرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق باشقىچە قاراش ياكى كەمسىتىش ئالامەتلىرى يوق . ئەكسىچە ، مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ھەممە ئالاقىدار مىللەتلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا سەمىمىي ھۆرمەت پوزىتسىيىسىدە بولۇنغان . بۇ نۇقتىنى تەكىتلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى ، قەدىمدىن تارتىپ توتېم ھەققىدە يېزىلغان بەزى ئەسەرلەردە مىللىي كەمسىتىش خاھىشلىرى كۆرۈلۈپ كەلگەنىدى .

    تۆتىنچى ، بۇ كىتابتا ئاپتورنىڭ بىر مۇنچە يېڭى قاراشلىرى ، مەسىلەن «بۆرە» ، «باركۆل» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ھەققىدىكى يېڭى قاراشلىرى ۋە پاكىتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ .

    بەشىنچى ، ئاپتور كىتابتا بىر مۇنچە يېڭى قاراشلاردىن تاشقىرى ، تېخى ئېلان قىلىنمىغان يېڭى ھۆججەتلەرنى ، مەسىلەن ، «ئىپتىدائىي سەنئەتتە بۆرە تەسۋىرى» دېگەن بابتىكى قىياتاش رەسىملىرىنى كىتابقا كىرگۈزۈش بىلەن ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان .

    ئالتىنچى ، ماتېرىيال بايلىقى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر . مېنىڭ ھېسابىمچە قەدىمدىن ھازىرغىچە ، چەت ئەللەردىن جۇڭگو زېمىنىغىچە بولغان زامان ۋە ماكان شارائىتىدا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت ئالىملىرىنىڭ ھەر خىل تىلدىكى كىتاب – ماقالىلىرىدىن تەخمىنەن 600 دىن ئارتۇق ئورۇندا نەقىل ۋە دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەقىللەر تەخمىنىي بولماي ، ئېنىق ئىزاھات بىلەن كۆرسىتىلگەن . بۇ ھال كىتابنىڭ ماتېرىيال بايلىقىنىلا ئەمەس ، ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىمۇ ئۈستۈرگەن .

     يەتتىنچى ، قىستۇرما رەسىم – سۈرەتلەر كىتابنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپلا قالماي ، قايىل قىلىش كۈچىنىمۇ ئاشۇرغان .

    سەككىزىنچى ، كىتاب نوقۇل ئىلمىي ئەسەر بولۇشقا قارىماي ، تىل ئىشلىتىش ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە كەڭ ئاممىبابلىققا ئىگە.

                                                                                                                                                  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

                                                                                                                                                  1994.4.15

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

海米赛现象”与维吾尔文学“ 海米赛现象”与维吾尔文学“
ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئۆزلۈك ۋە كىملىك

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.