بوستان
بوستان
ئاپتورى:شەيخ سەئدى
باھاسى:22.00
2001-يىل 9-ئاي 1- نەشرى
2009-يىل 3-ئاي 4-بېسىلىشى
تىراژى:11161-16160
isbn:9787228063086
تەرجىماندىن
پارس خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى شەيخ سەئدىنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللا مۇشەررىخىددىن بىن مۇسلىھ ئەل شىرازى بولۇپ ، سەئدى ئۇنىڭ تەخەللۇسىدۇر . ئۇ ھىجرىيە 610-615-(مىلادىيە 1213-1219)يىللىرى ئارىسىدا ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدە ئوتتۇرا قاتلامغا مەنسۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .
ئىپتىدائىي مەكتەپنى شىرزدا ئوقۇپ ، كېيىن باغداتقا كۆچۈپ بېرىپ ، ئۇ يەردە ئەڭ چوڭ ئىلىم مەركىزى بولغان «نىزامىيە» مەدرىسىسىدە ئالىي ئىلىم تەھسىل قىلغان . ھاياتىدا كۆپ قېتىم سەپەرگە چىقىپ ، ئىراق ، سۈرىيە ، ئاناتولىيە مىسىر ،فاس، ئەزەربەيجان، بەلخ ، غەزنە ، پەنجاپ ، غوجىرات ، سومېنات قاتارلىق مەملىكەت شەھەرلەردە بولغان ، ئەرەب سەھرالىرىنى كەزگەن ، كۆپ قېتىم ھەج سەپەرلىرىدە بولغان . دەمەشىق ، يېرۇسالېم ، ترىپولى ، ھەلەب قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆرگەن . ئافغانىستان ، ھىندىستان ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا سەپەر ، زىيارەتلەردە بولغان . ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى شەھىرى بولغان قەشقەرگىمۇ كېلىپ كەتكەن . بۇ ساياھەتلىرى جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى ، شائىر ، ئەدىب ، پەيلاسوپ ، دىنىي ئۆلىمالار بىلەن تونۇشۇپ ، ھەمسۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەردە بولغان .
1256-1257-يىللىرى يۇرتىغا قايتىپ كەلگىنىدە ، شەرازدا تىنچلىق ئورنىتىپ ، خەلقنى راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن ئادىل ھۆكۈمدار ئەبۇ بەكىر بىن سەئىد بىن زەنگىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاپ ، ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بۇ زات ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش مەقسىتى بىلەن سەئدى تەخەللۇسىنى قوللىنىپ ، 1257-يىلى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ «بوستان» ناملىق ئەسىرىنى . بىر يىلدىن كېيىن تەخت ۋارىسى سەئدگە بېغىشلاپ «گۈلىستان» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ ، خەلققە پەند – نەسىھەت ۋە تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان . ھەر ئىككى ئەسەر كارامەت ئېسىل ئەسەر بولغاچقا ، قىسقىنىغا ۋاقىت ئىچىدە پارسچە سۆزلىشىدىغان ۋە پارس تىلىدىن خەۋەردار بولغان پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا مۇناسىپ شۆھرەتكە ئېرىشكەن . شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئەسەر غەرب تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ، پۈتكۈل غەرب دۇنياسىدىمۇ چوڭ تەسىر قوزغاپ ، ئالەمشۇمۇل شاھ ئەسەر بولۇپ كەلمەكتە .
«گۈلىستان » بىلەن «بوستان» شىنجاڭدا قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان مەدرىسىلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇلۇپ كەلگەن .
شېئىرىي ھېكايىلەردىن تۈزۈلگەن ئون بابلىق بۇ نادىر ئەسەر ئاددىيلا بىر ئەدەبىي ئەسەر بولماستىن ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ئادالەت ، ئېھسان ، شەپقەت ، ساداقەت ، مېھرى – مۇھەببەت ، ئەخلاق – پەزىلەت ، نازاكەت ، مەردلىك ، قانائەت ، كەمتەرلىك ، تەلىم – تەربىيە ، پىكىر -تەدبىر ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قاتارلىق خىسلەتلەرنى يارقىن سۈرەتلەيدىغان ، جاھالەت ،زۇلمەت ، زالىملىق ، ئاچ كۆزلۈك، ئالدامچىلىق ، يالغانچىلىق ، ھەسەتخورلۇق ، تەكەببۇرلۇق ، چىرىكلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى ھەجۋىي تىل بىلەن كەسكىن تەنقىد قىلىدىغان بىلىم خەزىنىسىدۇر .
مەزكۇر ئەسەر يالغۇز پارس كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ۋە مۇھىم يادىكارلىقلاردىن بىرى بولۇپلا قالماي بەلكى جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىدىمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ھۆرمەتلىك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ .
بۇ كىتاب 1978-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان تۈركچە نەسرىي نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى . سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن سەۋەنلىك – خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈزىتىش پىكىرلىرىنى قارشى ئالىمەن .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق