ۋەتەن سۆيگۈسى

ئاپتورى: تۇرسۇنئاي يۇنۇس

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

2011-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى

2011-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى: 0001-3000

32 فورمات، 17.25 باسما تاۋاق

549 بەت

ISBN: 9787228141401

باھاسى: 43 يۈەن

تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ئۆزىنىڭ ھېكايە، پوۋېستى، ئەدەبىي ئاخبارات، ئىجتىمائىي خەۋەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان يەنە بىر تۆھپىكار ئانا ئەدىبتۇر. تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئارتىس، پىرىكازچىك، مۇخبىر، تەھرىر، شائىرە ھەم يازغۇچى بولۇپ ئەدەبىياتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا چېلىقارلىق تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان تونۇلغان ئايال يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى.

تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئاخبارات سېپىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە ئەڭ بالدۇر مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەم 500 پارچىدىن ئارتۇق تەسۋىرى خەۋەر، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي خەۋەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە 50 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى گېزىتتىن باشقا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاڭلىتىلىپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا خەلقىمىز ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر، دوختۇر، پەن –تېخنىكا خادىمى، مائارىپچىلاردىن بولۇپ 50 نەچچە كىشىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى گېزىتتە تونۇشتۇرغان، يازغۇچى تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئەسەرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەردىمۇ خېلى تەسىرگە ئىگە. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان گېزىت-ژورناللىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. تۇرسۇنئاي يۇنۇس 2004-يىلى «كارۋان ئىزى» ناملىق رومانىنى ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇل تارىخىغا چوڭقۇر ئۇل سالغان، خەلقئارادا شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، ئۇسسۇل پېشۋاسى قەمبەرخانىمنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «قەمبەرخانىم» ناملىق بىيوگرافىك ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇردى، ئۇ يەنە «ۋەتەن سۆيگۈسى» ناملىق رومانىنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا تاپشۇردى. تۇرسۇنئاي يۇنۇس 2004 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى رېداكسىيەسى تەرىپىدىن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن مۇكاپاتلاندى.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

سېرىق ئەتىرگۈل سېرىق ئەتىرگۈل
ئولۇغبەگ خەزىنىسى ئولۇغبەگ خەزىنىسى
جان تەسەددۇق جان تەسەددۇق
شەجەرەئى تۈرك شەجەرەئى تۈرك
ئىزدىنىش (1-،2-قىسىم) ئىزدىنىش (1-،2-قىسىم)

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.