ئاننا كارېنىنا》1,2-قىسىم《
ئاننا كارېنىنا》1,2-قىسىم《
لېف نىكولايېۋىچ تولستوي
باھاسى:70.00
2010-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى5-ئاي 1- بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:9787228132904
نەشرىياتتىن
لېف نىكولايېۋىچ تولستوي (1910-1828) رۇسىيىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ياشىغان ئۇلۇغ يازغۇچىسى . ئۇ پۈتۈن ئۆمرۈمدە تىرىشىپ قىلغان ئىجادىيىتى ئەمگەكلىرى بىلەن شۇ دەۋردىكى ياۋروپا تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان .
تولىستوي 1982-يىلى 9-سېنتەبىردە موسكۋادىن ئانچە يىراق بولمىغان ياسنايا پوليانادىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئاتا – ئانىسى ئاتاقلىق ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ ، ئۇ ئون ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئارقا – ئارقىدىن ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ تۇنجى پوۋېستى 《بالىلىق ، ئۆسمۈرلۈك ، ياشلىق 》 دەل ئاپتورنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى تۇرمۇش شارائىتى بىلەن ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.
تولستوي ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا باشلىغان . ئۇنى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە ئېلىپ چىققىنى ھەم دۇنيا ئەدەبىياتىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكىنى ئۇنىڭ 《ئۇرۇش ۋە تىنچلىق》 ، 《ئاننا كارېنىنا》 ، 《تىرىلىش》ناملىق ئۈچ چوڭ رومانى . بۇ ئەسەرلەر يالغۇز رۇسىيە ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەر بولۇپ قالماي ، بەلكى يەنە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭمۇ مەشھۇر نامايەندىلىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، تولستوينىڭ 《كازاكلار》،《كرىۋوترىز سوناتاسى》،《شەيتان》،《ئىۋان ئىلچنىڭ ئۆلۈمى》، 《ھاجى مۇرات》 ، 《جاھالەت كۈچلىرى》 قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ دۇنياغا مەشھۇر، تولسىتوي 《ئاننا كارېنىنا》 رومانىدا ئۆزىنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە بەدىئىي ئوبرازلارنى روشەن يارىتىش بىلەن شۇ دەۋردىكى مۇرەككەپ چىگىش ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ۋە تېز ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي ئالاھىدىلىكنى توغرا ھەم چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن ، بەدىئىي ماھارەت جەھەتتە سۇژىتىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ يىغىنچاق ۋە باغلىنىشلىق بولغان ، پېرسوناژلارنىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالەتلىرىنىڭ جەريانىغا بولغان تەھلىل تېخىمۇ ئىنچىكە ، تەپسىلىي بولغان .
تولسىتوي 《ئاننا كارېنىنا》 نى 1873-يىلى يېزىشقا باشلاپ ، 1877-يىلى تاماملىغان ۋە ئون ئىككى قېتىم كۆڭۈل قويۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ، ئاخىر نامايەندە خاراكتېرلىك بۇ گىگانت ئەسەرنى دۇنياغا كەلتۈرگەن . بۇ ئەسەرنىڭ نامى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئارىسىغا خېلى بۇرۇنلا تارقالغان ، ئوقۇرمەنلەر ئۇنى كۆرۈشكە تەشنا ئىدى مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ مەشھۇر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇق.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
«ئاننا كارېنىنا» نىڭ ھازىرقى تەرجىمىسى سەل قوپال ئىكەن، مەن 1980-يىلى ئوقۇغان شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتىنىڭ نەشر نۇسخىسىغا تازا ئوخشاپ كەتمەيدىكەن!