مەن كۆرگەن دۇنيا

مەن كۆرگەن دۇنيا

ئاپتورى:ئەبەيدۇللا تېيىپ

باھاسى:50.00

2011-يىل 4-ئاي 1-نەشرى

2011-يىل 4-ئاي 1-بېسىلىشى

بەت سانى:381

ISBN:9787563124794

سېتىۋېلىشنى خالامسىز ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=14485211834

ئاپتوردىن

ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئاشۇ خاسىيەتلىك ئۇزۇن يىللاردىن مەمنۇنلۇق بىلەن خوشلىشىپ ،كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتقان دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە بۇرۇن قىلىشنى ئويلىساممۇ لېكىن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تاشلىنىپ قالغان ئىشلىرىمنىڭ بىر قىسىمىنى قولۇمغا ئېلىشقا كىرىشتىم.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش ، تەرەققىيات ۋە مۇقۇملىقتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە 20-ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ھەممە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان ، ھەممە ساھە جۇپ ئۇرۇپ راۋاجلانغان مۆجىزىلىك ياخشى ۋەزىيەت ھەممە ياقنى قاپلىدى . جۈملىدىن ئاپتۇنوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىدىۇ زور ئىلگىرىلەش بولۇپ ، ئاپتۇنوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكىتىپ رول ئوينىدى .

شۇ يىللاردا مەن ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن تۈركىيە ، رومانىيە ، پاكىستان ، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، كۇۋەيت ، قاتار ، ياپونىيە ، سىنەاپور ، تايلاند ، مالايشىيا ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ، ئۆزبېكىستان ، تۈركمەنىستان ، رۇسىيە، فىنلاندىيە، ئىتالىيە ، گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە ، شىۋېتسىيە ، لىيۇكسېمبۇرگ ، فىرانسىيە ، ئىسپانىيە ، گانا ، شېۋىتسارىيە، كانادا ، ئامېرىكاۋە شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا خىزمەت ۋە ئۆگىنىشلەردە بولۇپ ، دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ ، سرتقا قارىتىلغان تەشۋىقات ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ ، شۇ جەرياندا ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مۇئەييەن تونۇش ۋە ھېسسىياتقا ئىگە بولغان ئىدىم . مېڭەمگە خاتىرىلىگەنلىرىم يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا – ئاستا ئۆچۈپ كېتىشكە ، خاتىرىلەرگە يازغانلىرىمنىڭ سىياھلىرى ئۆڭۈپ كېتىشكە باشلاپتۇ . مەن بۇلارنى شۇنداقلا تاشلاپ قويسام بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم – دە ، شۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇدۇمدا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ ، مېنى مۈشكۈل سەپەرگە باشلاپ كىردى . مەن گەرچە قەلىمىنىڭ ئۇچىدىن يالتىراپ تۇرىدىغان ئۈنچىلەر تامىدىغان يازغۇچى بولمىساممۇ ، ھەر ھالدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىم ۋە كەچۈرمىشلىرىمنى ئاددى ىەلق تىلىدا چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىپ چىقىشقا تىرىشرىم.

بۇ زىيارەت جەريانىدا يېزىپ چىققاندىن كېيىن كەسپداشلىرىم ، تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشقانلار بولۇپمۇ مۇھەررىر يولداشلار كۆپ يار- يۈلەكتە بولدى . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ يولداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

بايان قىلىشتا قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خاتىرىلەرنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە يازدىم . ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئكزۈم خاتىرلىگەنلىرىم ئاساسىدا دۇنيا بىلىملىرى يىلنامىسىدىكى سانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتىم .

مەن يېزىقچىلىققا يېڭىلا قەدەم تاشلىغانلىقىم ، سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى ، ئەھۋاللارنى ئىگەللەشتىكى چەكلىمىلىك تۈپەيلى نۇرغۇن نۇقسانلارنى سادىر قىلغان بولۇشۇم تەبئىي . شۇڭا، كىتابخانلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, ساياھەت خاتىرىسى | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ياشلىق خاتىرىلىرى
تۈرك شائىرى نازىم ھىكمەت  تۈرك شائىرى نازىم ھىكمەت
ئاخىرقى كۈنلەر ئاخىرقى كۈنلەر
كۆڭۈل سۇلتانى كۆڭۈل سۇلتانى
كروراندىكى ئىزچىلار كروراندىكى ئىزچىلار

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.